باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر پىيونېر

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

      يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 92 – باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇخبىرلىق قىلىۋېتىپ 5 – يىللىقلار ئەدەبىيات ئىشخانىسىدىكى ئوقوتقۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇلار 5 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ باشلىقى ئەزھەر ئەكبەرنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر پىيونېر ئىكەنلىكىنى بەس – بەستە سۆزلەپ كەتتى. مەن بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئايتىللا مۇئەللىم بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ئۇ مۇنداق دېدى:

      – ئەزھەر ئەكبەرنىڭ ئىسمى چىقسىلا مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقوغۇچىلار بىردەك ئۇنى ماختىشىدۇ، – دېدى ئۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن، – ئەزھەر تىرىشچان، ئەستايىدىل، چىقىشقاقلىقى بىلەن 1 – يىللىقتىن باشلاپ سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندى. ئۆگىنىش، ئىنتىزام، ئەخلاق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ، سىنىپ كوللېكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ يېقىن ياردەمچىمگە ئايلاندى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەر كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرىدۇ. سىنىپنىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ماتېماتېكا، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىللىرىدا يېتىشەلمەيۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ ناھايىتى پائالىيەتچان. مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە قوش تىلدا ناھايىتى جانلىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. سىنىپتا يۈز بەرگەن چوڭ – كىچىك ئىشلارنى ماھىرلىق بىلەن ھەل قىلىپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر – بىرىنى چۈشىنىشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ. سىنىپىمىزنىڭ ئۇدا ‹‹مەدەنىي سىنىپ›› كوللىكتېپى بولۇپ باھالىنىشىدا ئۇنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ. ئۇنىڭ تەمبۇر چىلىش جەھەتتىمۇ تالانتى بار، پائالىيەتلەردە ئۇسسۇل ئويناپ، تەمبۇر چىلىپ بېرىدۇ.

سۈرەتتە: ئەزھەر(ئوڭدا) ساۋاقدىشى نەزەرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

      ئەزھەرنىڭ ساۋاقدىشى ئەلقۇتجان مۇنداق دېدى:

      – ئەزھەر ئۆگىنىش ئۈلگىمىز. ئۇ سىنىپتا كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا شۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. چۈشتىن كېيىن مۇزاكىرە ۋاقىتلىرىدا ھەر خىل قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. مېيىپ ساۋاقدىشىمىز نەزەرنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشىگە، پەلەمپەيدىن چۈشۈشىگە ياردەملىشىدۇ. بەزىدە ئاتا – ئانىسى كەلمەي قالسا مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە يۆلەپ ئەپچىقىپ ئاتا – ئانىسى كەلگۈچە ساقلايدۇ.

      ئەزھەر مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماقالە يېزىش، نۇتۇق سۆزلەش، ماتېماتىكىدىن زېھىن سىناش، چىرايلىق خەت يېزىش، قاتارلىق مۇسابىقىلىرىدە كۆپ قېتىم بىرىنچى، ئىككىنچىلىكنى قولدىن بەرمەپتۇ. مەكتەپ بويىچە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئۆگىنىش يۇلتۇزى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر پىيونېر››نىڭ بىرى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچى›› بولۇپ ئون قېتىم تەقدىرلىنىپتۇ. 2011 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر