باش بەت | سەيلىگاھلار

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەنزىلگاھ ئاقبۇلاق يايلىقى

  قەھرىمان روزى

 

      ئاقبۇلاق يايلىقى باي ناھىيەسىدىكى قېيىر يېزا مەركىزىنىڭ شىمالىغا 61 كىلومېتىر كېلىدىغان تەڭرىتاغ تىزمىسى باغرىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 4835 مېتىر ئېگىز. يايلاققا بارىدىغان يولدا بوز كېرىگى دەرياسى، ئاقبۇلاق كۆلى، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان تونېل، داۋان بار. بۇ يول قەدىمدە ‹‹ئۇيسۇن يولى›› دەپ ئاتىلىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم سودا يولى بولغان. ئاقبۇلاق يايلىقىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىلىئوبلاستى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. تاغ باغرىدا قىش – ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كەڭرى كەتكەن يايلاق، يىل بويى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان چوققىلار، ھۈپپىدە ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، بۈك باراقسان قارىغاي، تەبىئىيلىكى بۇزۇلمىغان ئېكولوگىيە ئورمانلىرى، كېيىك، سۇغۇر، بورسۇق، كىرپە قاتارلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلار ئاقبۇلاق يايلىقىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. بۇ يايلاق تەبىئىي ئېكولوگىيىسى بۇزۇلمىغان گۈزەل تەبىئەت باغچىسى بولۇپ، ساياھەت قىلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر