باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹تارتىشماق›› ئويۇنى

      ‹‹تارتىشماق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئوغۇل بالىلار ئارىسىدا ‹‹ئۆتۈشمەك››، ‹‹تۈرتۈشمەك›› دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان.

      بۇ ئويۇندا ئوغۇل بالىلار بەللىرىگە پوتا ياكى تانا باغلىشىپ تەڭ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ھەربىر گۇرۇپپىدىن كۈچلۈك ۋە بويلۇق بىردىن بالا ‹‹ئاتا›› بولۇپ قاتارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، قالغانلار ‹‹ئاتا››نىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ، بىر ــ بىرىنىڭ بېلىدىكى پوتا ياكى تانىنى كەينى تەرەپتىن مەھكەم تۇتۇپ، ئويۇننىڭ باشلىنىشىنى كۈتىدۇ. ھەر ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى تەييارلانغاندىن كېيىن، ئىككى گۇرۇپپنىڭ بېشىدا تۇرغان ‹‹ئاتا››لار بىر ـ  بىرىنىڭ بېلىدىكى باغلاقنى تۇتۇشۇپ، ‹‹بىر ــ ئىككى!›› دېيىش بىلەن تەڭ ئويۇننى باشلايدۇ. ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قارشى تەرەپتىن غالىب كېلىشكە تىرىشىدۇ. تارتىشىش بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى يەنە بىر گۇرۇپپا ئەزالىرىنى ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال بەلگىلەنگەن ‹‹پاسىل››دىن ئۆزى تەرەپكە تارتىپ ئۆتكۈزگۈچە داۋام قىلىدۇ.

      ‹‹تارتىشماق›› ئويۇنى كۈچ سىناش تۈرىگە تەۋە قىزىقارلىق ئويۇن بولۇپ، بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، غەيرىتىنى ھەم تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ؛ بىر ياقتىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارغاندا ھەرقانداق ئىش ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ يېتىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي