– مۇزىكىنى ياقتۇرىدىغانلار، ئالدىغا ئۈچ قەدەم مېڭىڭلار!
سىنىپ باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئالتە ئوقۇغۇچى ئالدىغا ئۈچ قەدەم مېڭىپتۇ.
– ناھايىتى ياخشى، سىلەر ئەمدى بۇ پىيانىنونى 3 – قەۋەتتىكى يىغىن زالىغا ئەپچىقىڭلار.
ھېكمەت: مۇۋاپىق بىر باھانە بىلەن باشقىلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىش قىلدۇرۇش، رەھبەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدار.