باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت پائالىيىتىدىن سۇئال – جاۋاپلار

      سوئال: پىيونېرلارنىڭ مەملىكەتلىك 6 – قۇرۇلتىيىدا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قاتلاملارغا بۆلۈپ تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قانداق يېڭى تەدبىرلىرى بار؟

      جاۋاپ: بىرىنچىدىن ئەترەت تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر پەندىن يۇقىرى پائالىيەتنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان كەسپىي دەرسلىك تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ئوتتۇر – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنتىزم تەرتىپى بويىچە ئۆسمۈرلەردە پارتىيەگە، سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشتىكى نىشان، ۋەزىپىسى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ئاساسىي كاپالىتى، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە مۇنتىزم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىىپ بېرىش لازىم؛ ‹‹تەربىيەچىلەر خىزمەت پروگراممىسى›› (سىناق نۇسخىسى)، ‹‹ئەترەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پروگراممىسى›› (ۋاقىتلىق ئىسمى)، ئۆسمۈرلەردە پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش خىزمىتى ئوقۇشلۇقى››، ‹‹پائالىيەتلەر تاللانمىسى›› قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە كېڭەيتىپ تەربىيەچىلەرنى يېتەكلەش قورالى ۋە پائالىيەت مىساللىرى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

      ئىككىنچىدىن دۆلەت مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيەسى دەرسلىكى، يەرلىك ۋە دەرسلىكلەردە بېكىتىلگەن ھەپتىدە بىر سائەت ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر سائەتتىن يۇقىرى بولغان ئەترەت پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ ئەترەت پائالىيىتىنى ئەخلاق تەربىيەسى، ئۇنۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكى پىلانىغا كىرگۈزۈشكە تىرىشىپ ئەتىگەنلىك ئوقۇش، بايراق چىقىرىش، چوڭ تەنەپپۇس، ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتى، دەرستىن سىرتقى ۋاقىت، تەتىللىك ۋاقىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

      ئۈچىنچىدىن كىچىك بۈركۈت مېدالىنىڭ مېدال تۈرلىرىنى تەڭشەپ مېدال ئېلىش چارىسىنى بېكىتىپ چىقىپ، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى بالىلارنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىغا ماس كېلىدىغان باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ پائالىيەت ئۈنۈمىنى سىنايدىغان چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.

      تۆتىنچىدىن جۇڭگو پىيونېرلار خىزمىتى ئويۇشمىسىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەترەتنىڭ نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۆسمۈرلەردە پارتىيىگە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش مەزمۇن قىلىنغان مۇنەۋۋەر دىسىرتاتسىيەلەرنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر