باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئەترەت پائالىيىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش

شاۋ گۇڭ

      جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان كۈندە باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ‹‹1 – ئىيۇل›› مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتە ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› چوڭ – كىچىك پىيونېرلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

      9 – ئايدىن باشلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئارقا – ئارقىدىن ھەرىكەتلىنىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، پىيونېرلارنى ئەتراپىدىكى ئادەم، ئەتراپىدىكى ئىش ۋە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن پارتىيەنى تونۇشقا، ئۆسۈپ يېتىلىشىدە پارتىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چىن قەلبىدىن ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      پائالىيەت پارتىيە قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيان پىيونېرلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئىش، يەنى ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ يېڭى جۇڭگونى قۇرغانلىقى ۋە بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ پەيدىنپەي قۇدرەت تېپىپ بېيىغانلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدى. يەنە بىر ئالاھىدە نۇقتىدىن قارىغاندا نۇرغۇن بوۋا – موما، تاغا – ھەدىلەر تىرىشىپ كۈرەش قىلغاچقا جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بوۋا – موما، تاغا – ھەدە ۋە تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، پىيونېرلارنىڭ پەيدىنپەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

      ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىسىدىكى چوڭ – كىچىك پىيونېرلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش يىغىنى

      پىيونېرلار ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى، بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى، چوڭ ئەترەت يىغىنى قاتارلىقلار شەكىللەر ئارقىلىق ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› ئۆزئارا ئالاقىلىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئېرىشكەن نەتىجىسى ۋە تەسىراتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسى ۋەكىللىرى ۋە مەزكۈر مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئىتتىپاق ئەزاسى ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوتتۇرا يىللىق، يۇقىرى يىللىقتىكى ئوتتۇرا ئەترەتلەر ئەترەتكە كىرىشكە تەستىقلانغان تۆۋەن يىللىقتىكى يېڭى پىيونېرلارنى ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ چوڭ – كىچىك پىيونېرلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق يېڭى پىيونېرلارنىڭ ئەترەت تەشكىلاتىدا خۇشال – خۇرام، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيدىغان كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈشىگە، چوڭ – كىچىك پىيونېرلار ئارىسىدىكى سەمىمىيلىك، ئىللىقلىقنى ھېس قىلىشىغا ياردەم بەردى. تەربىيەچىلەر يېڭى پىيونېرلارنى ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىرلەشمە ئوتتۇرا ئەترەت يىغىنى ئېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

      تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى:

      پائالىيەت نەتىجىسىنى نامايان قىلىش. پىيونېرلار ھېكايە سۆزلەش، رەسىم سىزىش، قول گېزىتى، ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، فوتۇ – سۈرەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپچىلىك ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق بۇ بىر يىلدا ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئېرىشكەن تەسىراتلىرى ۋە پارتىيەنى سۆيىدىغان بىر ناخشىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر ھېكايىنى ئوقۇش، بىر قىزىل كىنونى كۆرۈش، بىر ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، پارتىيەنىڭ يېڭى بىر مۇۋەپپەقىيىتىنى چۈشىنىش، بىر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ‹‹ئالتە بىر›› پائالىيىتىدىكى تەسىراتلىرى ئۈستىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرسا، ئىيۇندا ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى، ئىيۇلدا ‹‹شەرەپ بايرىقى ئاستىدا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنى سۆزلەش›› تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىنى، تەتىلدە ‹‹شەرەپ ئىزلىرىنى ئىزدەش›› قاتارلىق پائالىيەت نەتىجىسىنى نامايان قىلسا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا پىيونېرلار ئۆز مەكتىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى، يۇرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىسى توغرىسىدا ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرالايدۇ.

      مودا ئىجادىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇش. پىيونېرلار ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق پائالىيەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مودا ئىجادىيەتنى پىلانلاپ نامايەن قىلسا بولىدۇ، بۇ ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمان بولۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى ئىجادىيىتى، شۇنداقلا ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش يىغىنىدىكى نومۇرلار توغرىسىدىكى ئىجادىيەت، مەسىلەن ناخشا، بالىلار قوشاقلىرى، دېكلاماتسىيە قىلىش، ھەجۋىي رەسىم، ئۇسسۇل، دىرامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قەلبىدىكى تەسىرات ئۈستىدە سۆزلىشىش. پىيونېرلار بەش مىنۇت نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، ‹‹ سۆزلەشكە تېگىشلىك بىر ئېغىز سۆز›› قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئېرىشكەن تەسىراتلىرى ئۈستىدە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تەڭ بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. بالىلار ئۆزىنىڭ پارتىيە، ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزاسىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىگە ئاساسەن كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ئويىنى سۆزلەيدۇ، بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئۆستىدە سۆزلىشىدۇ، ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ھەرقايسى كەسىپتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.

      ئىرادىسىنى سۆزلەش. پىيونېرلار ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› بولۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىدەك ۋەتەننىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق، خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختلىك ياشىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىرادە بىلدۈردى.

      يېڭى پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىش ۋە چوڭ پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەش مۇراسىمى

      ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەرقايسى مەكتەپلەر يېڭى پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ بايراق چىقىرىش، يېڭى پىيونېرلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش، كونا پىيونېرلار يېڭى پىيونېرلارغا گالىستۇك تاقاش، ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىش، يېڭى پىيونېرلار قەسەم بېرىش، پىيونېرلار ۋەكىلى سۆزلەش، ئەترەت شوئارى، بايراق چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بارلىق پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، يېڭى پىيونېرلار قەسەم بەرگەندە كونا پىيونېرلار ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئەترەتكە كىرىش قەسىمىنى قايتا ئەسكە ئالىدۇ.

      مۇراسىمدا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشچان تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. نەق مەيدانغا پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەت بايراقلىرى ئېسىلىدۇ، پارتىيە تەشكىلىي ۋەكىلى ياكى شۇ جايدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى نامى بار زاتلار، ئىتتىپاق تەشكىلىي ۋەكىلى ياكى شۇ جايدىكى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋەكىللىرى پارتىيەنى مەدھىيەلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ، ئىتتىپاق ۋەكىلى پىيونېرلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدۇ ياكى سوۋغا تەقدىم قىلىنىدۇ.

      ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىدە پىيونېرلار ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ››، ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار پارتىيەگە ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ››، ‹‹تۆتتە ياخشى ئۆسمۈر›› بولۇش قاتارلىق ناخشىلارنى مەخسۇس ئېيتىدۇ ھەم مەكتەپنىڭ قارا دوسكا گېزىتى، تەشۋىقات تاختىسى، رادىيو ئۇزېلى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈندە قايناق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

      مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت

      بۇ يىلقى ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدە شىنجىن شەھەرلىك يۈسەي 4 – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› چوڭ – كىچىك پىيونېرلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

      ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ‹‹قول تۇتۇشۇش›› ئەترەت دەرسى

      كونا پىيونېرلار يېڭى پىيونېرلار بىلەن قول تۇتۇشۇش. مەكتەپتە ئەترەت دەرسى شەكلىدە كونىسى يېڭىسىنى يېتەكلەش ئارقىلىق ئەترەت نىزامنامىسىنى ئۆگەنگەندە يېڭى پىيونېرلار ئەترەتنىڭ نامى، ئەترەت بايرىقى، ئەترەت ناخشىسى، ئەترەت سالىمى، شوئار، ئەترەتكە كىرىش قەسىمى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يېڭى پىيونېرلار قول تۇتۇشۇش. مەھەللىلەرگە بېرىپ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە تارىخىغا ئائىت ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق يېڭى پىيونېرلارنى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

      ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار›› كىچىك ئەترىتى بىلەن غەيرىي رەسمى كىچىك ئەترەت قول تۇتۇشۇش. مەكتەپ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار›› كىچىك ئەترەت پائالىيىتى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى يىللىقتىكى ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار›› كىچىك ئەترىتى غەيرىي رەسمى پىيونېرلارنى يېتەكلەش، مەھەللىدىن ئاھالىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ›› تېمىلىق پائالىيەتنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا پىيونېرلار ئاۋانگارتلىقنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋالالايدۇ.

      ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى

      قىزىل يەتكۈزۈش. ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىدا پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى پىيونېرلارغا بايراق بېرىدۇ. پىيونېرلار پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ‹‹قىزىل بايراققا مەدھىيە›› مۇزىكىسى ئىچىدە ئۆز قولى بىلەن قىزىل بايراقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پىيونېرلار پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ مەڭگۈ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسى ئېشىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئىنتىلىدۇ.

      تەنتەنىلىك قەسەم. يېڭى پىيونېرلار قەسەم بېرىپ، ئېتىقادىنى تىكلەيدۇ؛ كونا پىيونېرلار قەسەمنى قايتا ئەسلەپ، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.

      ‹‹بۈركۈت››نى قويۇپ بېرىش. ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن پىيونېرلار غايە ۋە تىلەكلىرى يېزىلغان ‹‹بۈركۈت››نى تامغا چاپلايدۇ ھەم چوڭ ئەترەت بايرىقى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ بۇ مۇھىم ۋاقىتنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر