باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ھەربىي دوختۇرنىڭ سەزگۈرەشتىسى

      ئۇرۇش دەۋرىدىكى بىر دوختۇر ئۇرۇشتا يارىدار بولغان نۇرغۇن ئەسكەرلەرنى داۋالاپتۇ. ئۇنىڭ كاللىسىغا ‹‹شۇنچە يىلدىن بۇيان ئۇرۇش توختىمىدى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ، يەنە توختىماي يېڭىدىن يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنى داۋالاۋاتىمەن. بىر قانچە قېتىم داۋالىغان بىر ئەسكەر ئاخىرى يەنىلا ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈلۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ ئەسكەرلەر چوقۇم قۇربان بولىدىكەن، شۇنداق بولغانىكەن مەن يەنە نېمىشقا ئۇلارنى داۋالايمەن؟ مېنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟›› دېگەن خىياللار پەيدا بوپتۇ.

      كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ دوختۇر توختىماي بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپتۇ، ئويلىغانسېرى كاللىسى قالايمىقانلىشىپ ئوپېراتسىيەنىمۇ چالا قىلىدىغان بوپتۇ، ھەتتا ئۇخلاشنىمۇ ئۇنتۇپ، كېچە - كۈندۈز كۆز يۇممايدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ ھاياتىدىكى ئون نەچچە يىلنى بىكار ئۆتكۈزگەندەك، ھازىرغىچە قىلغان بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغاندەك ھېس قىپتۇ.

      كېيىن ئۇ بىر سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قىسىمدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپتۇ ۋە بىر تاغ ئارىسىغا كىرىپ شۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ، ھەتتا ئاچ قېلىش گىردابىغا بېرىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردە بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قاپتۇ. ئۇ تىرمىشىپ يۈرۈپ تاغ باغرىدىن چىقىپتۇ ۋە شۇ يەرلىك يۇرت ئىگىسىگە بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. يۇرت ئىگىسى دوختۇرغا:

      - سىزنىڭ كەسپىڭىز دوختۇرلۇق تۇرسا ئەلۋەتتە تېرىقچىلىق قىلالمايسىز، بىر دېھقاننى دوختۇرلۇق قىل دېسە ئۇ قىلالامدۇ؟ - دەپتۇ.

      دوختۇر: - مەن قىسىمغا قايتىمەن، - دەپتۇ.

      - سىز نېمىشقا قىسىمغا قايتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز، - دەپتۇ يۇرت ئىگىسى.

      - چۈنكى مەن دوختۇر - دە، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دوختۇر.

      شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپتۇ.

      ھېكمەت: ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆز ئالدىغا رولى بولىدۇ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ئىش ئەڭ قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر