باش بەت | كائىنات سىرلىرى

پىلانېتارىيە

       پىلانېتارىيە كەڭ ئاممىغا ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تارقىتىپ ئومۇملاشتۇرىدىغان سورۇن. پىلانېتارىيەنىڭ ئاساسلىق ئۈسكۈنىلىرىدىن يۇلتۇزلار بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پىلانېتارىي ھەمدە ئاز ساندىكى ئاسترونومىيەلىك تېلېسكوپلار بار.

 

ئاتاقلىق پىلانېتارىيەلەر

      دۇنيادا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر پىلانېتارىيەلەرنى سالغان. ئاتاقلىقلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ گرىففىس پىلانېتارىيەسى، كانادانىڭ ئېمونتون پىلانېتارىيەسى ۋە گېرمانيەنىڭ ھامبورگ پىلانېتارىيەسى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېرمونتون پىلانېتارىيەسى كانادا بويىچە ئەڭ چوڭ پىلانېتارىيە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى غايەت زور ئالەم كېمىسىگە ئوخشايدۇ.

 

بىرىنچى پىلانېتارىيە

      دۇنيا بويىچە بىرىنچى پىلانېتارىيە 1928 – يىلى گېرمانىيىدىكى ميۇنخېندا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭدا مېخانىكىلىق تەقلىدىي ئوپتىكىلىق پىلانېتارىي ئىشلىتىلگەن. پەن – تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، زامانىۋى چوڭ تىپتىكى پىلانېتارىيەلەرگە شارسىمان ئېكرانلىق كىنو، لازېر نۇرلىق كۆرسىتىش، ھەرىكەتچان سېزىملىك كىنو قاتارلىقلار قوشۇلدى. بۇ ئاتاقلىق ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر