باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

‹‹ھوي›› بىلەن ‹‹ۋاي››

      ئافرىقىدا مۇنداق بىر رىۋايەت بولغانىكەن:

      بىر باي ئىشقا سېلىش ئۈچۈن بىر ئىشچى ياللىۋاپتۇ، بۇ ئىشچىنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 200 لىيار(قەدىمكى ئىسپانىيە كۈمۈش پۇل بىرلىكى) بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ. لېكىن ئاي ئاخىرلاشقاندا باي ئىشچىغا:

      – سەن شەھەرگە بېرىپ ماڭا ئىككى نەرسە ئەپ كېلىپ بەر، بولمىسا مەندىن ئىش ھەققى ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولما، – دەپتۇ. ئۇنىڭ ئالىدىغان ئىككى نەرسىسى دۇنيادا يوق نەرسىلەر ئىكەن. ئۇ مۇشۇ يول بىلەن نۇرغۇن ئادەمنى ئالدىغانىكەن.

      ئۇ بىر قېتىم يەنە بىر ئوغۇل بالىنى ياللاپتۇ، ئۇنىمۇ بىر ئاي ئىشقا سېلىپ، ئايلىقىغا 200 لىيار بەرمەكچى بوپتۇ.

      ئاي ئاخىرلاشقاندا، باي بۇ بالىغا:

      – شەھەرگە بېرىپ، بازاردىن ماڭا ئىككى نەرسە ئەپ كېلىپ بەر، ئۇنىڭ بىرسى ‹‹ھوي›› يەنە بىرسى ‹‹ۋاي››، ئەپ كېلىپ بېرەلمىسەڭ، ئىش ھەققىڭنى بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە تېخى يۈز دەررە ئۇرىمەن، – دەپتۇ.

      بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپتۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ. ئۇ يالغاندىن شەھەرگە بارغان بولۇپ، بايغا بىر شېشە ئەپ كەپتۇ – دە، ئۇنىڭ ئىچىنى سەكسەنپۇت ۋە چايان بىلەن تولدۇرۇپتۇ.

      – سىز دېگەن ‹‹ھوي›› بىلەن ‹‹ۋاي››نى ئەپ كەلدىم، قولىڭىزنى تىقىپ ئېلىڭ، – دەپتۇ بالا.

      باي دەسلەپتە بىرئاز ھەيران بوپتۇ، بىراق يەنىلا قولىنى شېشىنىڭ ئىچىگە تىقىپتۇ.

      سەكسەنپۇت باينىڭ قولىنى چىشلەپتىكەن، ئاغرىقىغا چىدىماي ‹‹ھوي، ھوي›› دەپ توۋلاپتۇ ...

      ئەمدى قولىڭىزنى شېشىنىڭ ئىچىگە يەنە بىر قېتىم تىقسىڭىز، ‹‹ۋاي››مۇ چىقىدۇ، – دەپتۇ بالا كۈلۈپ كېتىپ.

      باي بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالماي، غىڭ قىلماي يېنىدىن پۇلنى چىقىرىپ، بالىغا 200 لىيار بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر