باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹پەرۋاز›› لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى

      خېجىڭ ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 – يىللىق 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نىجات تۇرغۇن مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەرقايسى جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدى. ئۇ ئۆگىنىشتىلا ياخشى بولۇپ قالماي رەسىم سىزىشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 2010 – يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ‹‹پەرۋاز›› لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ رەسىم تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

 تۇردى ئەبەيدۇللا فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر