باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

خۈيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

     

      فىگۇرا چىقىرىپ ئارغامچا سەكرەش خېبېي ساڭجۇ ئەتراپىدىكى يېزا ــ بازار، شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرى. ساڭجۇ ئەزەلدىن «چامباشلىق يۇرتى» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپ، ئارغامچا سەكرەش چامباشلىق مەشىقىدە كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە مەشىق تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. دەسلەپتە سەكرەش قېتىم سانىدا بەسلەشكەن بولسا، كېيىن ئارغامچىدا ماھارەت كۆرسىتىشكە تەرەققىي قىلغان.

      يەكمۇ يەك ئېلىشىش ماھارىتى ئون يۈرۈشلۈك بولۇپ، ھەر بىر يۈرۈشنىڭ ئۆز ئالدىغا خاس قائىدىلىرى بار. بۇ ماھارەت خېنەن ئۆلكىسىدىكى خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان.

       ياغاچ توپ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى كەڭ دېھقانلار، بولۇپمۇ خۇيزۇ ئۆسمۈرلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى. ياغاچ توپ 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مۇسابىقىگە چۈشكەنلەر قولىغا ئۇزۇنلۇقى 65 سانتىمېتىر كېلىدىغان توپ كالتىكىنى تۇتۇپ، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر كېلىدىغان مەيداندا دىيامېتىرى 4.5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 7.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان تۇخۇمسىمان توپنى ئېلىپ مېڭىپ، مەيداننىڭ ئىككى بېشىدىكى دىيامېتىرى 80 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدىغان قارشى تەرەپنىڭ ئورىكىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

      توپاق يىقىتىش ئويۇنى خۇيزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن بىرى.

      تاش قۇلۇپ ئېتىش بېيجىڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ ئەۋج ئالغان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرىنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنتۇڭ يىللىرىدا تاش قۇلۇپ ئېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

      شىنيىچۈەن ماھارىتى خېنەندىكى خۇيزۇلار ئىچىدە كەڭ تارقالغان. بۇ ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە قوغدىنىش تېخنىكىسىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ماھارەت. تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق ھەربىي ئەمەلدار يۆفېي ئۇستازى ئۆگەتكەن نېيگۇڭ ماھارىتىگە ئون تۈرلۈك ھايۋاننىڭ ماھارىتىنى قوشۇپ شىنيىچۈەن ماھارىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان.

 

      پولات ئاماننۇرى تەييارلىغان

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي