باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

چەكتىن ئاشقان ئارزۇ – ھەۋەس قايغۇنىڭ مەنبەسىدۇر

كرىشنامۇرد (ھىندىستان)

      ئەجابا، سەن سېنى يېتەكلەپ ماڭغان قايغۇنىڭ مەنبەسىنى بىلىشنى خالىمامسەن؟ قايغۇ دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن مەۋجۈد بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئەگەر مەن مەلۇم نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىسەم قاتتىق ئازابلىنىمەن. ئەگەر مەن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ ئارزۇيۇمغا يېتەلمىسەم ياكى چىرايلىقلاردىن بولاي دەپمۇ بولالمىسام تولىمۇ ئۆكۈنىمەن؛ ئەگەر مەن مەلۇم بىرەيلەننى ياخشى كۆرسەم، ئەمما ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىسە، ناھايىتى بىئارام بولىمەن. دادام ئۆلۈپ كەتسە قايغۇ – ھەسرەت ئىچىگە چۆكۈپ كېتىمەن، نېمە ئۈچۈن؟

      ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە نېمە ئۈچۈن ئازابلىنىمىز؟ نېمە ئۈچۈن بىز خالايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇم ئېرىشمەكچى بولىمىز؟ بىز بۇ بىزنىڭ ھوقوقىمىز دەپ قارايمىز، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما، بىز ئۆزىمىزدىن شۇنى سوراپ باقتۇقمۇ، يوق؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئەزەلدىن بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، نېمە ئۈچۈن بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشىمىز كېرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى خالايمىز؟! بىزگە لازىملىق يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن قانائەتلەنمەيمىز. بىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى، مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشنى، ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشنى، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولۇشنى، ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى، ھوقۇق، تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشنى، مەشھۇر شائىر، ئەۋلىيا، مۇنازىرىچى بولۇشنى، ۋەزىر، خاقان بولۇشنى ئويلايمىز. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئويلايمىز؟ سەن بۇنى تەتقىق قىلىپ باقتىڭمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز بۇ بارلىق نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى خالايمىز؟ مەن چوقۇم شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق بولسا رەزىللىك، ھاماقەتلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئايىغى چىقمايدىغان ئارزۇلار بىزنىڭ شۈكۈر قىلمىغانلىقىمىزدىن، قانائەت قىلمىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بىز قانداق قىلساق قانائەت قىلىمىز؟ بىز نېمىگە شۈكۈر قىلىمىز؟ مەن شۈكۈر قىلىشنى، قانائەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. مەن يېڭى پەلتۇ ياكى يېڭى كىيىم كىيسەم تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىمەن، دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى خالايمەن.  بۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن قانائەتلەنمەسلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن تېخىمۇ كۆپ كىيىم – كېچەكلەرگە، تېخىمۇ كۆپ ھوقوققا ئېرىشسەم، قانائەتسىزلىنىشتىن قۇتۇلىمەن، دەپ قارايمەن. بىراق، بۇ خىل قانائەتلەنمەسلىك يەنىلا مەۋجۈت، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بۇنى كىيىم – كېچەك، ھوقۇق، ماشىنا بىلەن نىقابلاپ كېلىۋاتىمەن.

      شۇڭا، بىز ئۆزىمىزنى قانداق تونۇشنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنى پەقەت بايلىق، ھوقۇق، ئورۇن بىلەن نىقابلاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى بىز يەنىلا بەختسىز.

      ئۇ بەختسىز، قايغۇ – ھەسرەت ئىچىدە قالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئۆزىگە باشپاناھ بولغان كىشىلەرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتمىدى، ئۇ بايلىق ۋە ھوقۇقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشنى خالىمىدى. ئەكسىچە، ئۇ قايغۇ – ھەسرەتنىڭ كەينىدە نېمە بارلىقىنى بىلمەكچى. ئەگەر سەن ئىگە بولماقچى بولغان قايغۇ – ھەسرەتنى تەتقىق قىلىپ كۆرسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ تولىمۇ كىچىك، چەكلىك ئىكەنلىكىڭنى بايقايسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مەلۇم نەرسىگە ئېرىشمەكچى، مەلۇم نەرسىگە ئايلانماقچى، بۇنىڭغا ئىگە بولۇش، قانداقمۇ بىر نەرسىگە ئايلىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش قايغۇ – ھەسرەتنىڭ مەنبەسى. بىراق، سەن ھەقىقىي ئۆزۈڭنى تونۇشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ ئىچىگە چۆككەندە، تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىشلارنى بايقايسەن.

 

مەنبە: تەپەككۇر جەۋھەرلىرى تەھرىر: ئاينۇر