باش بەت | مەكتەپلەر

گېرمانىيەدىكى بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتى

 

 
      گېرمانىيەدىكى بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېپزىكتا ئۆتكۈزگەن خەلقئارا قاتناش مۇنبىرىغا 200گە يېقىن گېرمانىيە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناشتى. سۈرەتتە بالىلار پائالىيەتتە قول كۆتۈرۈپ سۆز قىلماقتا.

      بالىلار پىسخولوگلىرى تالانت قىزىقىشتىن كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، 2003 - يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتى قۇردى. بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىغا ھەر يىلى سەككىز ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلار قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر قارارنىڭ ئوقۇش ۋاقتى ئىككى - ئۈچ ئاي بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇنىۋېرسىتېت زالىدا مۇنەۋۋەر پىروفېسسورلار بۇ ئىستۇدېنتلارغا ھەقسىز دەرس ئۆتىدۇ.

      گېرمانىيەدىكى پروفېسسورلار بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتەلىگىنىدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ. نەچچە 10 يىل تەتقىق قىلغان تېمىنى 40 مىنۇتتا بالىلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، بالىلارنىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىشىنى قوزغاش ئاشۇ ئابرۇيلۇق پىروفېسسورلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق جەڭ ئېلان قىلىشتۇر.

      بۇلتۇر ھامبورگ بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتى شامال نەدىن كېلىدۇ؟ چوڭ مېڭە قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ ئىسسىقلىقنى قانداق قىلىپ توكقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش بولىدۇ؟ شاكىلاتنىڭ رەڭگى نېمىشقا قارا؟ يانار تاغ نېمە ئۈچۈن پارتلايدۇ؟ دېگەندەك ئالتە چوڭ تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

      بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بالىلارغا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلىدۇ. بىر سائەتلىك دەرسكە قاتناشقانلارغا بىر تامغا بېرىلىدۇ. 10 تامغىغا ئېرىشكەنلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇلتۇرقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن ئىشلەنگەن يەر شارىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئائىت تەربىيەۋى فىلىم قويۇپ بېرىلدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر