باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

يۇرت مۇھەببىتى

گۈلجەننەت جالال

      مانا، ئاۋات شەھەر كوچىسىدا كېتىۋاتىمەن. نېمىدېگەن ئېگىز بىنالار – ھە! تۈز، كەڭ ئاسفالىت يولدا ماشىنىلار ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا، يول بويىدىكى مەجنۇنتاللار مەيىن شامالدا لەرزان تولغانماقتا.

      ھەي، نېمە بولغاندىمەن؟ چۈشۈمدىمۇ ئوڭۇمدىمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان ئاۋات شەھەردە تۇرۇپمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ. تۇيۇقسىز دىمىغىمغا مەيىن شامال ئېلىپ كەلگەن شەھەر سىرتىدىكى نەم تۇپراقنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. ئاھ! تاپتىم، ئەسلىدە گۈزەل يۇرتۇم توقسۇننى سېغىنىپتىمەن ئەمەسمۇ! ئىلگىرى ئاياغلىرىمغا قونۇۋالسا بىزار بولۇپ سۈرتۈۋېتىدىغان شۇ توپىنى ئەمدى يۈزۈمگە سۈرتكۈدەك بولدۇم. بايىقى مەيىن شامال يەنە يۇرتۇمنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرىنى ئەسلەتتى. ھەر قېتىم بوران چىققاندا ساۋاقداشلىرىم بىلەن كۆزىمىزنى ئاران – ئاران ئېچىپ، يۈزىمىزگە ئۇرۇلۇۋاتقان قۇم – شېغىلغا قارىماي ئۇزاق يول بېسىپ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەنلىرىمىز كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. توغرا، ئەنە ئاشۇ قارا بوران مېنى ۋە يۇرتداشلىرىمنى باتۇر، قورقماس، قەيسەر قىلىپ يېتىشتۈرگەنىدى.

      يول بويىدىكى مەجنۇنتاللارنىڭ ئېگىلىشلىرىگە قاراپ يۇرتۇمنىڭ چەكسىز سايلىقىدا قاراۋۇللاردەك قەددىنى تىك تۇرۇپ تۇرغان يۇلغۇننى ئەسلەپ قالدىم. ئۇلار ئىنتايىن قەيسەر بولغاچقا دەھشەتلىك بورانلارغا تىز پۈكمەي چەكسىز سايدا مەغرۇرانە تۇرىدۇ. ئىلگىرى ‹‹بۇلار نېمىدېگەن پاكار، كۆرۈمسىز – ھە!›› دەپ ئويلاپ قالاتتىم. مانا ئەمدى قەيسەر يۇلغۇندىكى ھەقىقىي گۈزەللىكنى ھېس قىلدىم. يېنىمدىكى كۆككە تاقاشقان بىنالارغا قاراپ يۇرتۇمدىكى قىيسىيىپ قالغان، كونا ئۆيلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. ئىلگىرى مۇشۇنداق كونا ئۆيلەردىن تېزرەك قۇتۇلۇپ بىنا ئۆيلەردە تۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما ھازىر مېھىر – مۇھەببەت، ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك مۇجەسسەملەنگەن ئاددىي ئۆيلەرنى شۇقەدەر سېغىندىم.

      تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر ئىكەن. يۇرت مۇھەببىتى ھەرقانداق بىباھا بايلىقتىن يۇقىرى تۇرىدىكەن. شۇلارنى ئويلاپ ئۆز – ئۆزۈمگە ئاستاغىنە پىچىرلىدىم: ‹‹سۆيۈملۈك يۇرتۇم، مەن چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسى تەرەققىياتىڭ ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن››.

(ئاپتور لىياۋنىڭ ئۆلكىسى دالىيەن شەھەرلىك 20 – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2009 – يىللىق سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر