باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

      ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ چوقۇم ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلىرىڭلار بار. ئۇلاردىن بىرنەچچىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ بۈگۈن بىز بىر ئاددىي ئىنقىلابچى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. ئۇنىڭ ھەربىر سۆز – ھەرىكىتى تولىمۇ ئاددىي، بىراق ئىش – ھەرىكەتلىرىنى يىغىنچاقلىساق ئۇنىڭدىن ‹‹ئادەم›› دېگەن زەبەردەست خەت پۈتۈپ چىقىدۇ.

      ياشانغانلارنى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغانلاردا ئۇنىڭ سېيماسى بار؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا باشقىلارغا ئورۇن بەرگەنلەردە ئۇنىڭ روھى نامايان؛ باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگەنلەردە ئۇنىڭ ئالىيجانابلىقى مۇجەسسەم، ئۇ ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى لېي فېڭ.

      ئۇ باھار شامىلىدەك كىشىلەرگە ئىللىقلىق بەخش ئېتىدۇ؛ باھار يامغۇرىدەك ھاياتىمىزنى ياشارتىدۇ؛ ئۇپۇقتەك قىزىل گالستۇكلۇق چىرايلارنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆگەنسەك باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمىز، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرالايمىز، ۋەتەننى گۈللەندۈرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايمىز؛ ئۇنىڭدىن ئۆگەنسەك مەڭگۈ مەغرۇرلانمايمىز، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش روھىمىزنى جارى قىلدۇرالايمىز؛ ئۇنىڭدىن ئۆگەنسەك ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مەڭگۈلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئىگە بولىمىز، تۇرمۇشىمىزدا مەقسەت – نىشان بولۇپ ھاياتىمىز تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتىدۇ.

      لېي فېڭ دىگەن بۇ نام ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. لېي فېڭ روھىنىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئىشلىرىغا شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇشتۇر.

      5 – مارت لېي فېڭدىن ئۆگىنىش كۈنى، لېي فېڭنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ ئۈلگە بولۇش روھىنى تارقىتايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر