باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

تېخىمۇ چىرايلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇرايلى

لىي يۇڭكاۋ

      ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئەمما كۆپ خىل ئامىلنىڭ چەكلىمىسى ۋە تەسىرى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن مەكتەپلەر بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرى دائىم شەكىلگىلا ئەھمىيەت بەرگەچكە ‹‹كونا سەنەمگە دەسسەش›› ناھايىتى ئېغىر ساقلانماقتا. مەن ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق مۇنداق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. يېتەكلەشنى ئۇسۇل، يېزىنى مەزمۇن، تېرىقچىلىقنى ۋاسىتە قىلىپ يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇۋاپىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرغاندا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا ئايلىنىدۇ.

      1. دەرسلىك ئارقىلىق يېتەكلەش

      ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنىڭ تەييار ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، بەلگىلەنگەن مەزمۇنى يوق، ئۇ پەقەت ئېچىۋېتىلگەن، مۇستەقىل، ھەرىكەتچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مانا بۇ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكىنى قېزىشنى كەڭ سورۇن بىلەن تەمىنلىدى. ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسلىكنى قېزىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەش ئۈچۈن مەكتىپىمىز شەكلى ھەر خىل تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى، رولى ۋە يولغا قويۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىدى ھەم يىللىق نىشان بەلگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، قىزىقىشى، مەكتەپ بايلىق مەنبەسى ۋە يېزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن جەمئىيەت، ئادەم بىلەن مەندىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن دەرسلىكنى قېزىشقا يېتەكلىدى. دەرسلىكنى قېزىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىكتە قاتنىشىشقا، بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشقا يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكىنىڭ تەتقىقاتچىسى، قازغۇچىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ئاساس سالدى.

      2. ‹‹تۆت دەرس››نى ياخشى ئۆتۈش

      ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئەمەلىيەت بىلەن زىچ باغلىنىشلىق يېڭى ئىلىم بولغاچقا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي قالىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ مەكتەپ كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش شەكلى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىش، خۇلاسە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىز ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنى تۆت خىل ئاساسىي تىپقا يىغىنچاقلىدۇق: (1) تېمىلىق دەرسنى بەلگىلەش؛ (2) ئۇسۇلغا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى؛ (3) ئوتتۇرا مەزگىللىك قايتا ئىنكاس قىلىش دەرسى؛ (4) نەتىجىنى نامايان قىلىش دەرسى. ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ تۆت خىل ئاساسىي دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆتۈش ئۇسۇلىنى پىششىق تونۇشۇش ۋە ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسىنى ئۆتۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق.

      3. مېدال ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش

      ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن مەكتىپىمىزدە ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› تالىشىش پائالىيىتى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت ساھەسىگە كىرگۈزۈلدى. بىز مېدالغا ئېرىشىشنى ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچۇر تېخنىكىسى تەربىيەسى، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، ئەمگەك بىلەن ئەمگەك تېخنىكىسى تەربىيەسى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردۇق.

      ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى ئۇنىۋېرسال، ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىي دەرسلىك، شۇڭا ئۇنى يولغا قويۇشتا يەرلىكنىڭ پەرقى، دەرسلىك بايلىق مەنبەسى ۋە مەكتەپنىڭ ئەنئەنىسى قاتارلىق ئاساسىي ئامىللارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىش كېرەك. مەكتىپىمىز يولغا قويۇش جەريانىدا ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ‹‹يېزا›› ئالاھىدىلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ دەرسلىك مەنبەسىنى قېزىپ، يېزىدىكى كەڭ تەبىئەتكە سىڭىشكە يېتەكلەپ، ئەتراپىدىكى مۇھىتنى دەرسلىك قىلىپ، يۇرتىدىكى دېھقانلارنى ئوقۇتقۇچى تۇتۇپ، يېزا ئىشلىرىدىن پائالىيەت ماتېرىيالىنى ئىزدەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئاساسىي ئەمگەك تەجرىبىسى ۋە قابىلىيىتىگە ئىگە بولدى، قايتا ئويلىنىش جەريانىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۆستى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹يېزىنى ياخشى كۆرۈش، دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىش، دېھقانچىلىققا قىزىقىش›› ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسلىكىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.

      بىز ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقىپ تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ دەرسلىككە قەدەم قويۇشقا، يېزا ئىگىلىك ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، مايسا كۆچۈرۈش، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش، مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۆگىنىشكە؛ مەھەللە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، مەھەللىنى تازىلاشقا؛ باقمىچىلىق ئەمگىكىگە قاتنىشىپ، توخۇ، ئۆردەك، قوي قاتارلىقلارنى بېقىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا دېھقانلارنىڭ جاپاكەش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردۇق، ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىش، ياشاش جەريانىدا تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، شۇ ئارقىلىق يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە يېزىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتتۇق. بىز ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك مۇخبىر، كىچىك تەكشۈرگۈچى نامى بىلەن يېزىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش، مەنىۋى مەدەنىي تۇرمۇش، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىنى تەكشۈرۈشكە ئىلھانلاندۇرۇپ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە، يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق.

      مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا 500 كىۋادرات مېتىر قۇرۇق يەر بولۇپ، ئوت – چۆپ ئۆسۈپ كەتكەنىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئەمگەك پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، ئاساسىي ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىز بۇ يەرنى ئېچىپ ئېكىنزارلىق بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيەت بازىسى بىلەن تەمىنلىدۇق.

      مەكتەپ يەنە قەرەللىك ھالدا تېرىقچىلىق پائالىيىتى يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ئۈسكۈنىلەرنى تەييارلاش، تېرىقچىلىق تۈرى، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش›› قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مۇنازىرە ئېلىپ باردى. يىغىندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش، مايسا تىكىش، ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

      ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېتەكلەشنى ئۇسۇل، يېزىنى مەزمۇن، تېرىقچىلىقنى ۋاسىتە قىلغاندا يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتدە بۇ دەرسلىكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. بىز يۇقىرىقى ئۈچ ئالاھىدىلىكتىن ياخشى پايدىلانساق ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە تېخىمۇ چىرايلىق گۈللەرنى ئېچىلدۇرالايمىز.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر