باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

     

 

      ئىككى كىشلىك ئىلەڭگۈچ

      قىرغىز قىزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنىڭ  بىرى. بۇنىڭدا ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان ئۈچ بۇرجەكلىك تىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تال ئارغامچا باغلىنىدۇ. بىر قېتىمدا ئىككى ئادەم ئارغامچىغا چىقىپ ئوتتۇرىدىكى ئارغامچىنى دەسسەپ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تۇرىدۇ ھەمدە ھەر بىرىنىڭ بېلى ئىككى ياندىكى بىردىن ئارغامچىغا يۆلىنىپ، ئىككى قولىنى كېرىپ ئارغامچىنى تۇتۇپ ئۇچۇشقا تەييارلىنىدۇ.

      ئات ئۈستىدە تەڭگە ئېلىش

 

      قىرغىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مۇسابىقە كەڭرى ۋە تۈز مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تۈز سىزىق سىزىلىپ، سىزىق ئۈستىگە ھەر 10 مېتىر ئارىلىققا كەڭلىكى 15 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 10 سانتىمېتىرلىق قول پاتقۇدەك ئۈچ ئورەك كولىنىدۇ. بۇ ئورەكلەرگە ھەر خىل تەڭگىلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئورەكتىن 50 مېتىرچە يىراقلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئات ئۈستىدىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ تەڭگىنى ئالىدۇ، ئېلىۋالغۇچىلار مۇكاپاتلىنىدۇ.

      ئۈزۈك چىشلەش

      قىرغىزلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇننىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر دانە ئۈزۈك تەكشى يەرگە قويۇلىدۇ، ئويۇنغا قاتناشقۇچى ئىككى پۇت ئارىلىقىنى 80 سانتىمېتىر ئېچىپ، ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ ياكى كەينىگە قىلىپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن ئىككى تىزىنى ئەگمەي ئېڭىشىپ يەرگە قويۇلغان ئۈزۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ ئېلىپ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتىدۇ.

      بۆرە ــ قوتان ئويۇنى

      قىرغىز ياش ــ ئۆسمۈرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ھاياتىدىكى رېئال تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنىغا تەقلىد قىلىپ ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا بىر توپ بالىلار يەرگە چەمبەر سىزىپ ‹‹قوتان›› ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە تۇماق، چاپانلىرىنى قالايمىقان تاشلايدۇ (بۇ قويغا تەمسىل قىلىنغان)، ‹‹بۆرە›› بولغۇچىلار ‹‹قوتان›› غا ھۇجۇم قىلىپ، ‹‹قوي››دىن بىرەرىنى ئېلىپ قاچالىسا غەلىبە قىلىدۇ.

      ئايدىڭدا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى

      ئايدىڭ كېچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭغا پەقەت ئاياللار قاتنىشىدۇ. بۇ ئويۇن ئۈچ خىل تۈردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

      پولات ئاماننۇرى تەييارلىغان

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي