باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادا، مېنى كەچۈرۈڭ

      سۇرىيە

      بۈگۈن دۇشەنبە. مەن سىنىپقا كىرسەم بالىلار بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ ھە دەپ بىر كىمنى ماختاۋاتاتتى. مەن سومكامنى ئۆز ئورنۇمغا قويۇپ، توپ ئارىسغا ئاستا قىستىلىپ كىردىم. توپ ئوتتۇرىسىغا ساۋاقدىشىم ئەنزەر تۇراتتى. ئۇ يېڭى ئاياغ كىيىۋالغان بولۇپ، ناھايىتى مەغرۇر كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ كىيىۋالغىنى ناھايىتى قىممەت باھالىق ئاياغ ئىدى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ ئايىغىنى ماختاپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز ماڭا يىغا ئولاشتى. مەن ئۆيگە بارغاندىن كېيىن چوقۇم يىغلاپ تۇرۇپ بولسىمۇ دادامغا بۇنداق ئاياغنى ئالغۇزۇش قارارىغا كەلدىم.

      دادام بىر ئاددىي ئىشچى ئىدى. ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايى، ئاق ئارىلاش چاچلىرى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىدىن جاپاكەش ئىشچى ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ دائىم ئۇستىگە تولا يۇيۇلغانلىقتىن ئۆڭۈپ كەتكەن، بىر چاپاننى كىيىپ يۈرەتتى. دادام تۆنۈگۈن كېچىمۇ ئىشلىگەچكە بۈگۈن دەم ئالغانىدى. مەن ئىشتىن كىرسەم دادام گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرغانىكەن، مېنى كۆرۈپ:

      ــ ھوي، ئەنۋەر ساڭا نىېمە بولدى؟ نېمانچىلا قىزىرىپ كەتتىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن:

      ــ ماڭىمۇ ئەنزەرنىڭكىدەك بىر ئاياغ ئېلىپ بېرىڭ، ــ دەپ يىغلاپ كەتتىم. دادام مېنىڭ تەلىپىمگە قوشۇلدى. مەن دەرھال بازار تەييارلىقىغا تۇتۇندۇم. مېنىڭ قۇلۇقىمغا تۇيۇقسىز دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۆيدە دېگەن گەپلەرى كىرىپ قالدى، ئاپام دادامغا:

     ــ سىز بىكار بۇ بالىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپسىز، بۇ ئازغىنە پۇل نېمىگە يېتەتتى؟ بالىنىڭ ئايىغى بولغاندىكىن ھازىرغىچە كونا ئاياغنى كىيىپ تۇرسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ سىز بۇ پۇلغا بۇداقى ئايدىكى مائاشىڭىزنى قوشۇپ بىر چاپان ئېلىۋېلىڭ. قاراڭ، ئۇستىڭىزدىكى ماۋۇ چاپانغا! بۇنىمۇ چاپان دېگىلى بولامدۇ؟ ھەي....

      ــ بولدى مەن ھازىر چاپان ئالماي. بالىغا ئاياغ ئېلىپ بېرەيلى.

      مېنىڭ يۈرىكىم جىغ قىلىپ كەتتى، ئۆزەمنىڭ قىلغان ئشلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم، بوينۇمدىكى گالستۇكمۇ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. مەن ئاستا ئىچكىرىدىكى ئۆيگە كىردىم. دادام چىريىغا كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ:

      ــ بالام، تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ، ئەمدى ماڭايلى! ــ دېدى. مەن:

      ــ دادا، مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىپتىمەن. ئەمدى باشقىلارنى دورىمايمەن، ياخشى ئوقۇيمەن، ــ دەپ دادامنىڭ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، دادام مېنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن يېنىش ــ يىنىشلاپ سۆيۈپ كەتتى.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر