باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانا

خاتىرەم دىلشات

      سىرلىق قىسمەتلەرگە تولغان بۇ دۇنيادا ئۇلۇغلۇق تەختىدە ئولتۇرۇشقا مۇناسىپ كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ، مېنىڭچە مەنىۋى قۇياشىمىز بولغان ئانا بۇ ئورۇنغا ئەڭ لايىقتۇر.

      ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇ ھاياتىمىزنىڭ پەرۋىشكارى. ئۇ ئىللىق مېھرى بىلەن ئىنسانىيەتكە ئادىمىيلىك ئاتا قىلىدۇ. تۈن كېچىدىكى تاتلىق ئۇيقۇسى بەدىلىگە ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنى پۈتمەس – تۈگىمەس مېھىر – مۇھەببەتكە تولدۇرىدۇ.

      ئانا ھايات كۈلپەتلىرىگە باش ئەگمەي ئۈن – تىنسىز تىرىشىدۇ. ھالاۋەت قۇچاق ئاچقاندا ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئويلايدۇ. جاپالىق شارائىتلاردا كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، قەيسىرانە روھى بىلەن پەرزەنتلىرىنى قوغدايدۇ، ئۇلارغا روھىي مەدەت ئاتا قىلىدۇ.

(ئاپتور چاپچال ناھىيەسى قاينۇق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر