باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

يورۇقلۇق يىغقۇچى ئادەم

      ئامېرىكا ئالىمى ئېدىسون ھاياتىدا مىڭ خىلدىن ئارتۇق كەشپىيات ياراتقانىكەن. بۇ ‹‹كەشپىيات خاقانى›› 11 يېشىدىن باشلاپلا ‹‹پەن ئىنسكېلوپىدىيەسى›› ۋە نىيۇتوننىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە كىرىشكەن، ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئەسكى بىر ئۆينى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسى قىلغانىكەن.

   ئۇ 11 ياشقا كىرگەن يىلى بىركۈنى كەچتە ‹‹تەجرىبىخانىسى››دىن چىقىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلسە، ئانىسى كارىۋاتتا ۋايجانلىغىلى تۇرۇپتۇ، كارىۋاتنىڭ بېشىدا بىر تال شام پىلىلداپ تۇرغان، يېنىدا بىر دوختۇر تۇرۇپتۇ.

      – ئانا، قەيەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟ – دەپ سوراپتۇ ئېدىسون ئانىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ.

      – ئانىڭىز ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ، ياخشىسى دەرھال ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك، – دەپتۇ دوختۇر.

      ئېدىسوننىڭ ئائىلىسى كەمبەغەل ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالدا ئانىسىنى قانداقمۇ دوختۇرخانىدا ياتقۇزالىسۇن؟ ئانىسى دوختۇردىن ئۆيدە ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ئاق كۆڭۈل دوختۇر ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئوپېراتسىيەنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىپتۇ.

      – دوختۇر، ئۇنداق بولسا ئانامنى تېزراق ئوپېرايسىيە قىلىڭ، – دەپتۇ ئېدىسون تاقەتسىزلىك بىلەن.

      لېكىن، – ھازىر ئۆي بەك قاراڭغۇ، ئوپېراتسىيىدە ئېنىق كۆرەلمەي قالىمەن، – دەپتۇ بارغانسېرى قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دوختۇر.

      – ئۇنداقتا، ئەتە يورۇق چۈشكەندە قىلايلى، – دەپتۇ ئانا.

      – ئەتىگە قالسا، كېسىلىڭىز خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ، – دەپتۇ دوختۇر.

      ئېدىسون قورققىنىدىن يىغلاپ كېتىپتۇ – دە، دوختۇرغا قاراپ:

      – دوختۇر، ئوپېراتسىيىنى باشلاڭ، مەن سىزگە شام تۇتۇپ بېرەي، – دەپتۇ.

      – بولمايدۇ، – دەپتۇ دوختۇر بېشىنى چايقاپ، – ئوپېراتسىيە قىلغان جايغا شام ئېقىپ كېتىدىغان بولسا، ئىش چاتاق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرنەچچە تال شام بىلەن ئىش قىلغاندا، يورۇقلۇق  يېتىشمەيدۇ.

      ئېدىسون يورۇقلۇقنى بىر يەرگە يىغقىلى بولىدىغان بولسا، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىغاندا كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كېتىپتۇ – دە، دوختۇرغا:

      – دوختۇر، بۇنىڭ ئامالىنى تاپتىم، – دەپتۇ.

      ئېدىسون ئۆيىدىكى كىيىم ئىشكابىنىڭ ئەينىكىنى چىقىرىۋاپتۇ، يەنە كىچىك ھەمرالىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلاردىن ئۈچ پارچە چوڭ ئەينەك، شام ۋە چىراغلارنى ئېپكاپتۇ. ئۇ بۇ ئەينەك، شام ۋە چىراغلارنى ئۆينىڭ تۆت تەرىپىگە قويۇپتۇ. ئاندىن بۇلارنى بىر – بىرلەپ تەڭشەپ، ئەينەكتىن قايتقان نۇرنى بىر يەرگە يىغىپتۇ. نەتىجىدە يورۇقلۇق ھەم تولۇق، ھەم تەكشى چۈشۈپتۇ. دوختۇر يېڭىدىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئاجايىپ ‹‹ئوپېرايسىيەخانا››نى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ.

      ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بوپتۇ، ئانا قۇتقۇزۇۋېلىنىپتۇ.

      كېيىن، دەل مۇشۇ ئېدىسون ‹‹ئالەمنىڭ مەشئىلى›› – ئېلېكتر چىراغنى كەشپ قىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر