باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىزدىنىشلەر

       ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە ئالەمدە قىزىقىپ كەلدى. ئالەمنى بىلىشنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىگە ياردىمى بار. ئىلىم – پەننىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىز يەر شارىنىڭ سىرتىغا قەدەم تاشلىدۇق، كەلگۈسىدە يەنە سامانيولى سىستېمىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ ئالەمنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرى جايلىرىغا بارىمىز.

 

ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىدىغان كۆز

      جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانىسىدا، ئاسترونوملار ئارمىلليارى شارى ۋە ئاددىي ئارمىلليار دېگەن ئىككى خىل ئەسۋاب ئارقىلىق يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى ئۆلچىگەن. تېلېسكوپنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن كىشىلەر ھەر خىل تېلېسكوپلار ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىدىغان بولدى. 1990 – يىلى 4 – ئايدا ئاسمانغا چىقىرىلغان ھۇبېلې ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپى 10 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىق ئارىلىقىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ۋە يۇلتۇز سىستېمىلىرىنىڭ چىقارغان يورۇقىنى كۆزىتەلەيدۇ.

 

ئاي شارى مېھمانسارىيى

      1969 – يىلى 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامستروڭ ئايدا ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى. 21 – ئەسىردە ئىنسانلار ئايغا يەنە چىقىپ، ئايدا بازا قۇرىدۇ. بەزى شىركەتلەر ئاي شارىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئاي شارى مېھمانسارىيى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان.

 

‹‹قوشكېزەك قېرىنداشلار›› مارسقا چىقتى

      2003 – يىلى 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋە ئاينىڭ 8 – كۈنى ئامېرىكا ‹‹شىجائەت›› ۋە ‹‹پۇرسەت›› ناملىق مارس تەكشۈرگۈچىلىرىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى. 2 مىليارد 480 مىليون كىلومېتىرلىق ئالەم سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ‹‹شىجائەت›› 2004 – يىلى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسقا قوندى. ‹‹پۇرسەت››مۇ 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى يېتىپ بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك مارس تەكشۈرۈشىنى باشلىۋەتتى.

 

ئالەمگە يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىش

      ‹‹ساياھەتچى – 2›› ۋە ‹‹ساياھەتچى – 1›› ناملىق تەكشۈرگۈچىلەر ئالەمدە ئۇچۇۋاتقىلى 28 يىل بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇلار بىرلىشىپ ئىشلەپ، قۇياش سىستېمىسىدا نۇرغۇن كۆزىتىشلەرنى ئېلىپ باردى. ھازىر ‹‹ساياھەتچى – 1›› قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېتىگە يېقىنلىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەمدە ئەڭ يىراققا ئۇچقان تەكشۈرگۈچىسى بولۇپ قالدى.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر