باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

غايە كۆچىتى تىكەيلى

      مارت ئۈمىدكە تولغان ئاي. بۇ چاغدا دېھقانلار شاد ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئېتىزغا ماڭىدۇ، مەۋجۇدات قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۇلارغا جور بولىدۇ، بىز يىلدا بىر كېلىدىغان كۆچەت تىكىش بايرىمىنى كۈتۈۋالىمىز.

      ساۋاقداشلار، كۆچەت تىكىش بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلەمسىلەر؟ 1979 – يىلى 23 – فېۋرال 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – سانلىق يىغىنىدا ھەر يىلى 12 – مارت دۆلىتىمىزنىڭ كۆچەت تىكىش بايرىمى قىلىپ بېكىتىلىپ مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشقا، ۋەتەننى كۆكەرتىشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى، كىشىلەر ئورماننى سۆيۈشكە، ئورمان ئەھيا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى، كىشىلەرنىڭ ئورمانغا بولغان تونۇشى ئۆستۈرۈلدى، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورماننى سۆيۈش، ئورماننى قوغداش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئورمان بەرپا قىلىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىندى.

      چۆللۈك، قۇملۇق، شەھەرلەر يېشىللىققا پۈركەنسە، ياپيېشىل دەرەخ يوپۇرماقلىرىدا يامغۇر، شەبنەملەر مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرسا، بىز پارلاق قۇياش نۇرىدا ھاياجانغا چۆمسەك، مەكتىپىمىزگە ماڭغاچ ئېيتقان مەدھىيە ناخشىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا ياڭرىسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى – ھە!

      كۆڭۈل قويۇپ بىر تۈپ كۆچەك تىكسەك ۋەتەنگە بولغان مېھىرلىك يۈرەكتىن بىرنى يېتىلدۈرگەن بولىمىز، ئۆزىمىزدە ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىمىز.

      كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنى كىمنىڭ پەرۋىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم؛ كۆچەتلەرنىڭ كۆكلەپ ماتېرىيال بولۇشىنى ئۈمىد قىلغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ كېيىن قانداق ماتېرىيال بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئويلىشىمىز لازىم؛ شەھەرگە، يېزىغا، قەلب ئېتىزىمىزغا غايە كۆچىتى تىكىپ ئۇنى ئالتۇن قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆستۈرەيلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر