باش بەت | پىسخىكا

قانداق قىلغاندا خۇشال يۈرگىلى بولىدۇ

  كۆڭلى ــ كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، زىددىيەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ. بولۇپمۇ، پرىنسىپسىز زىددىيەتكە قارىتا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.

  كىشىلەرگە ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىڭ، زىددىيەتكە يولۇققاندا، كىشىلەرگە شەخسىيەتسىز، قىزغىن بولۇپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى ‹‹راستچىل، دۇرۇس، گۈزەل›› ئىكەنلىكىڭىزنى نامايان قىلىشقا ماھىر بولۇڭ.

  كۆپ ئىشلەپ ئاز سۆزلەڭ، نام ــ مەنپەئەت قوغلاشماڭ. ئەگەر سىز ئىش قىلغاندا نام ـ مەنپەئەتنىلا ئويلاپ، قانائەت ھاسىل قىلمىسىڭىز، پىسخىكا جەھەتتە ئۈمىدسىزلىنىش، غەزەپلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا چوقۇم جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، كەسىپتىن خۇشاللىق ئىزدەڭ.

  كۆپرەك دوست تۇتۇپ سىردىشىپ تۇرۇڭ. چىن دوستلۇق سىزگە بەخت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

  كەڭ دائىرىلىك قىزىقىش ۋە سەۋىيەنى يېتىلدۈرۈڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، قىزىقىشى ۋە شارائىتىغا قاراپ بەزى ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزنى شاد ــ خۇراملىققا چۆمدۈرەلەيسىز.

 

مەنبە: جوڭگۇ رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر