باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

قىزىقىشتىن شەرەپ سەھنىسىگىچە

ئايشەمگۈل جاپپار، رەيھانگۈل نىياز (مۇخبىرلىرىمىز)

      يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹قامەت – تالانت سەھنىسى›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ قالدۇق. ماھىرلار ‹‹ ئۈمىد يۇلتۇزى››، ‹‹كۈچ بىرلىكتە››، ‹‹بىلىملىك ئۇزار›› دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە كەسكىن رىقابەتلەشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلفىيە ئەنۋەر جانلىقلىقى، تەمكىنلىكى، ئەقىللىقلىقى، نەپىس ئۇسسۇلى بىلەن ئىككى رىقابەتچىسىنى يېڭىپ ‹‹ئايلىق چېمپىيون›› لۇققا ئېرىشتى. بىز بۇ قىز ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنى زىيارەت قىلدۇق.

      – ياخشىمۇسىز، ئۇسسۇلنى بەك چىرايلىق ئوينايدىكەنسىز، بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟ – دەپ سورىدۇق ھاياجىنى تېخىچە بېسىلمىغان ئەلفىيەدىن.

      – 12 ياشقا كىردىم.

      ئەلفىيەنىڭ گېپى تۈگە – تۈگىمەيلا ئاپىسى يېنىمىزغا كەلدى ۋە زىيارەت مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن قىزىنىڭ شەرەپ گۇۋاھناملىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىمىز ئۈچۈن بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئەلفىيە بىر توپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مېداللىرىنى بىزگە كۆرسەتتى.

      — ۋاي – ۋۇي، نېمىدېگەن كۆپ! – دەۋەتتۇق ئىختىيارسىز، – قاچاندىن باشلاپ ئۇسسۇلغا ئىشتىياق باغلىغانىدىڭىز؟ – دەپ سورىدۇق ئۇنىڭ ئۇسسۇل تۈرىدە ئالغان شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى بىر – بىرلەپ كۆرگەچ.

      — كىچىكىمدىن ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدىم. ھەر قېتىم ئۆيگە مېھمانلار كەلسە ئۇسسۇل ئويناپ بىرىمەن دەپ تۇرۇۋالاتتىم. مېھمانلار ئۇسسۇلىمنى كۆرۈپ چوڭ بولغاندا چوقۇم ئۇسسۇلچى بولغۇدەكسىز دەپ رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۈچ يېرىم ياش ۋاقتىمدا ئاپام مېنى ‹‹مايگۈل›› ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ بەردى ۋە ھەر خىل چىرايلىق ئۇسسۇل كىيىملىرىنى ئېلىپ بەردى. مەن خۇشال بولغان ھالدا ئۆيگە كېلىپلا ئۇسسۇل كىيىمىمنى كىيىپ مۇئەللىمنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايتتىم. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۇسسۇل كۇرۇژۇكى مېنى تېخىمۇ ياخشى ئۇسسۇل ئۆگىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلدى.

      – قىزىڭىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىدە سىزنىڭمۇ رولىڭىز چوڭ ئىكەن، – دېدۇق بىز تۇرسۇنئاي ھەدىگە.

      – قىزىم ‹‹مايگۈل›› ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزىدە مەشىق قىلىش داۋامىدا ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ قەتئىي تىز پۈكمىدى. قىيىنلىق دەرىجىسى ئېغىر ھەرىكەتلەرنى مۇئەللىمنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ ئۆگىنىۋالمىغۇچە بولدى قىلمىدى. 2007 – يىلى ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹خالىسانە ئويۇن قويۇش ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تاللاش پائالىيىتى››نىڭ ئۆسمۈر – بالىلار گۇرۇپپىسى بويىچە مودېل ۋە ئۇسسۇل تۈرىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ بېيجىڭدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللاندى. بۇ جەرياندا كېتىدىغان ئىختىساد ئاز بولمىسىمۇ قىزىمنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا قاراپ ئۇنى ئاپىرىش قارارىغا كەلدىم. شۇنداق قىلىپ قىزىم ئۇسسۇل مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتى، مەنمۇ بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل كىىيىملىرىنى تەييارلاپ گىرىم قىلىشنى ئۆگەندىم. بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن قىزىم تۈن كىچىلەرگىچە توختىماي مەشىق قىلدى. مۇسابىقە رەسمىي باشلىنىپ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ماھىرلار بىر – بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ نومۇر كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا قىزىمدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەنىدىم. لېكىن، قىزىمنىڭ سەھنىدىكى ئىپادىسىنىڭ جانلىقلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنى رىياسەتچى ئەلفىيەنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ھاياجاندىن سەھنىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپتىمەن، – دېدى تۇرسۇنئاي ھەدە.

      — قىزىڭىزنىڭ ئىمتىھان نەتىجىلىرى، تولۇق نومۇرغا تولغان تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى دەرسلەردىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ ئۆگىنىش بىلەن ئۇسسۇل مەشىق قىلىشنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟

      — ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم مۇسابىقىلەرگە ياكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئۆگىنىشىنى قىلىپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ ئۇسسۇل مەشىق قىلىدۇ، باشقا شەھەرلەرگە مۇسابىقىگە بارسا كىتاب – ماتېرىياللىرىنى ئېلىۋالىدۇ. ھەر قېتىم مەكتەپتە يېڭى يىل ۋە ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلسە ئۇ ئۇسسۇل تەييارلايمەن، ساۋاقداشلىرىمغا ئۆگىتىمەن دەپ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆگىنىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن. لېكىن، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر قانچە ھېرىپ – چارچاپ كەتسىمۇ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ، دەرسلىرىنى تەكرارلايدۇ، ئەتىگەن تۇرۇپ تېكىست يادلايدۇ. ئۇ ھەر مەۋسۇمدە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

      ئەلفىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا نۇرغۇن شان – شەرەپلەر ئېلىپ كەپتۇ. ئۇ 2008 – يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹چىرايلىق قوزام›› تېلېۋىزوردا مودېل مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە كۈمۈش مېدالغا، شۇ يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 4 – قېتىملىق شىنجاڭ بالىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرستىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە، 2010 – يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹قامەت – تالانت سەھنىسى›› پىروگراممىسىدا ھەپتىلىك چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ. 2008 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئىزچىل نومۇر ئورۇنداپ كەپتۇ. ئۇ يەنە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2011 – يىللىق ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپتۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر