باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

بوۋاينىڭ جاۋابى

      دۇنياغا مەشھۇر بىر رەسسام ئىلگىرى بىر كان رايونىدا ئىشلىگەن ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ كاندىكى ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇدۇققا چۈشۈپتۇ. قۇدۇققا چۈشىدىغان لىفىتنىڭ تۆمۈر زەنجىرلىرىنىڭ ئاۋازى، چۈشۈرۈلگەن يەشىكلەرنىڭ ئوڭ - سولغا چايقالغاندا چىققان ئاۋازىدىن ئۇ ناھايىتى چۆچۈپتۇ. ئەتراپىدىكىلەرگە قارىغۇدەك بولسا كۆپچىلىكنىڭ بىرەرسىمۇ ئاۋازىنى چىقارماستىن جىممىدە تۇرۇشۇپتۇ، بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئۇلىنى كۆرگىلىمۇ بولمايدىغان بىر قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا رەسسام ئۆزىنى زىندانغا تاشلانغاندەك ھېس قىپتۇ.

      ئۇ ئاخىرى چىدىماي بۇ يەردە ئۈن - تىنسىز ئىشلەۋاتقان ئىشچىلاردىن ‹‹سىلەر كۆنۈپ قالغان ئوخشىمامسىلەر؟ شۇڭا بۇ يەر سىلەرگە قورقۇنۇنچلۇق بىلىنمەيدىكەندە؟›› دەپ سوراپتۇ.

      ئىشچىلار ئارىسىدىكى ياشانغان بىر بوۋاي ھەيرانلىق نەزىرىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ: ‹‹كۈنۈپ قېلىش؟ بىز مۇنداق تۇرمۇشقا مەڭگۈ كۆنمەيمىز، بىراق مەڭگۈ قورقۇنۇچ ھېس قىلمايمىز، بىز پەقەت سەۋرچانلىق ۋە چىداملىقنى ئۆگەنگەن›› دەپتۇ.

      بوۋاينىڭ بۇ گېپى رەسسامغا ناھايىتى تەسىر قىپتۇ، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ رەسىم سىزىش جەريانىدا بوۋاينىڭ سۆزىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، چىداملىق، سەۋرچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.

      ھېكمەت: بەزىبىر ئىشلارغا بىزنىڭ كۈچ سەرپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز، سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. بەزىبىر ئىشلارنى پەقەت ئۆزگەرتەلمىگەندە سەۋرچانلىق، چىداملىق بىلەن ئالغا ئىنتىلسەكلا يېڭىشىمىز مۇمكىن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر