باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

     

      تۇماق قامچىلاش

      قازاقلارنىڭ ئاتلىق ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار نۆۋەت بىلەن كۆزى تېڭىلغان ھالدا ئات بويى ئېگىزلىكىدىكى مومىنىڭ ئۇچىغا كىيدۈرۈلگەن تۇماقنى يىراقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ ئۈچ قېتىم قامچىلايدۇ.

      قامچىلاپ تېرە يىرتىش 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت توي ـ مەرىكە چوڭ يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا بىر تەكشى مەيداندىكى  30 ـ 40 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى قوزۇققا ئۆكۈزنىڭ بويۇن تېرىسى باغلاپ كېرىپ تارتىلىدۇ. قاتناشقۇچىلار رەت بويىچە يىراق ئارىلىقتىن ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ قامچا بىلەن تېرىنى قامچىلايدۇ، تېرىنى قامچىلاپ يىرتىۋەتكۈچى غەلىبە قىلىدۇ.

      تاغار كىيىپ چېلىشىش

      قازاقلارنىڭ توي ـ تۆكۈن، ھېيت ـ بايراملاردا ئېلىپ بارىدىغان، تارىخى ئۇزۇن، قىزىقارلىق ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىككى كىشى تاغار كىيىپ چېلىشىدۇ، چېلىشقاندا پۇتنى ئىشلەتمەي بەلدىن يۇقىرى قىسىمنىڭ كۈچى بىلەن چېلىشىدۇ.

      بۇقا بىلەن ئېلىشىش 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيىتى. بۇقا بىلەن ئېلىشقۇچى بۇقىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ، كۈچ بىلەن تولغاپ بۇقىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. كۈچلۈك، باتۇر يىگىتلەر بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدىن تولغاپ بۇقىنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.

      قىز قوغلاش 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ قازاق قىز ـ يىگىتلىرى ئات ئۈستىدە ئۆزئارا تونۇشۇپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيەت.

      ئات قىسىپ چىقىرىش 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك، قەبىلىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچىلەر چەمبەر ئىچىدە ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، قارشى تەرەپنى چەمبەردىن قىسىپ چىقارسا يەڭگەن بولىدۇ.

      ئاتلىق تاسما تارتىشىش 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى كىشى ئاتقا مىنىپ، بىر قولىدا ئۈچ مېتىر كېلىدىغان تاسمىنىڭ ئۇچلىرىنى بىر تەرەپتىن چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە مۇسابىقە باشلىنىش سىگنالى بېرىلگەن ھامان قارىمۇ ـ قارشى يۆنىلىشكە قاراپ تارتىدۇ. تاسمىنى قارشى تەرەپنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان تەرەپ يەڭگەن بولىدۇ.

      تاي بەيگىسى 

      قازاقلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇن توي ـ تۆكۈنلەردە، بوۋاق تۇغۇلغاندا، كېلىن چۈشۈرگەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

      يىلىك سۇندۇرۇش 

      قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن قىران يىگىتلەر قاتنىشىدۇ. يىلىك سۇندۇرۇش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئوشۇق يىلىكنىڭ بېشى ئۇچۇرۇۋېتىلىپ گۆشلىرى پاكىز قىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەزمۇن ۋە تەكشى بولغان تاختىنىڭ ئۈستىگە قويۇلۇپ مۇشت ياكى قولنىڭ قىرى بىلەن ئۇرۇپ سۇندۇرۇلىدۇ. يەنە بىرى، ئىككى قول بىلەن ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ تولغاپ سۇندۇرۇلىدۇ.

      تاغاق سۆڭىكىنى سۇندۇرۇش 

      قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيىتى بولۇپ، تاغاق (قوي ياكى ئۆچكىنىڭ) سۆڭىكى گۆشتىن تازىلىۋېتىلىپ تاغاق سۇندۇرۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر كىشى نۆۋەت بىلەن بىگىز ياكى ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن تۇتۇپ تاغاق سۆڭەكنى سۇندۇرىدۇ.

      پولات ئاماننۇرى تەييارلىغان

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي