باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تەدىبرلەر

      چاچقا نىلون تارغاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى نىلون تارغاق باش تېرىسىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

      قۇرغاق چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ خىل چاچ سوپۇنلىرى چاچنى بەكلا قۇرغاقلاشتۇرۇپلا قالماستىن، باش تېرىسىنىمۇ نىكروزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

      چاچ قۇرۇتقۇنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چاچ قۇرۇتقۇنىڭ چاچ بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولۇشى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا چاچتىكى ئېلېمېنتلار زىيانغا ئۇچرايدۇ.

      چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككى قېتىملىق چاچ يۇيۇش ئارىلىقى ئىككى كۈندىن بەش كۈنگىچە بولۇش، چاچ يۇيغاندا باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاشقا، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      ۋاقتىدا ئۇخلاش كېرەك.

      روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە ئارتۇقچە ئازابتىن خالىي بولۇش، كۆپرەك سەيلە – ساياھەت قىلىش، يېنىك گىمناستىكا ئويناپ تۇرۇش كېرەك.

      قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى قەۋزىيەت قان سۇيۇقلۇقىنى بۇلغاپ، چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

      باش كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  

مەنبە: ئانا دىيار تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر