باش بەت | مەكتەپلەر

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى

      خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپ.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرىغا قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاللىقاچان 8 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، 40دىن ئارتۇق نوبېل ساھىبى ھەمدە نۇرغۇن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان ئىلىم باشلامچىلىرى، ئەدەبىياتشۇناس، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

      1636 - يىلى قىشتا، ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان، بالىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جون خارۋارد بولۇپ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى. ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنستىتۇت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى) جايلاشقان كامبرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چېركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى. 1638 - يىلى 9 – ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مال – مۈلۈكىنىڭ يېرىمى (780 فوند ستېرلىڭ)ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە)نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنستىتۇتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى. بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنستىتۇتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى.خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوند ستېرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. دېمەك، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىناتتى، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ‹‹قاتتىق ماتېرىيال›› ۋە ‹‹يۇمشاق ماتېرىيال›› لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى.

      ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتتى، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ، قايتۇرمىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى –قازادىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، 2 - كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھېنرى دونىستىر بۇ ئوقۇغۇچىنى ‹‹ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈبخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ›› دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى.

      خارۋارد ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى. ئۇنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى بار ئىدى. 1625 - يىلى ۋابا كېسىلى ۋابا كېسىلى تارقالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى، ئاكا – ئۇكا ئاچا - سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى، پۈتكۈل ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەنگلىيە زېمىندىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز.

      ئېھتىمال، ئەينى ۋاقىتتا جون. خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر - ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئاشۇ مەكتەپكە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

      ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جون. خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ.

      خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، پروفېسسورلىرى بار. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئالىي مەكتەپ دەرىجىسىى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ باھالانغان، دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر