ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى، فوتوسى: غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى كوچىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ – ئادەت ساياھەتچىلىكىدىكى كۆزنەك ئورۇن بولۇپ، قەدىمىلىكى ساقلاپ قېلىنغان ھالدا زامانىۋىي تۇسكە كىركەن بۇ كوچىدىكى قەدىمى ئىمارەتلەر، ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەر، كوچىلاردىكى يېشىللىق ۋە گۈل – گېياھلار بىلەن ئۆزگىچە جەلىپكارلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرسا، مەھەللە سەنئەتكارلىرىنىڭ ناخشا – مۇزىكىلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
مەھەللە سەنئەتكارلىرى
بۇ كوچىدىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى
يېشىللىققا پۈركەنكەن قازانچى كوچىسى
ئۆزگىچە ئولتۇراق ئۆيلەر