باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھى يەتكۈزۈلدى

      ئاپتونوم رايونىمىز 19 ــ مارت چۈشتىن بۇرۇن نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىنىڭ پارتىيەلىك مەسئۇل كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ــ يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 ــ يىغىنىنىڭ روھىنى، مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 11 ــ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ــ يىغىنىنىڭ پارتىيەلىك مەسئۇل كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنى يەتكۈزدى.

      جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ 11 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىنىڭ پارتىيەلىك مەسئۇل كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ھازىرقى دۆلەت ئىچى ــ سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنىپ، پۇرسەت ۋە خىرىس كۆرسىتىپ بېرىلدى، خىزمەتلەرنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە تۈپ فاڭجېنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئومۇمىيەت تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە يۈكسەك باھا بەردى، شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىشنى، مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 8 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا يېقىندىن بىرلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

      جاڭ چۈنشيەن ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

       بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا بېكىتىلگەن ‹‹مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش›› باش يۆنىلىشىنى باشتىن ــ ئاخىر توغرا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئۆزگىرىش ياساش›› تەلىپى بويىچە، ئۆزگىرىش جەريانىدا تېز، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، مۇقىم بولۇشنى كۆزلەپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، مال باھاسىنى كونترول قىلىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانا ئاساسىي سۇبيېكت، بازار يېتەكچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنى تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىش ۋە تەڭشەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى››دىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، مۇھىم سىياسەت ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھازىر يەنە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىك يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

      ئىككىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش كېرەك. جايلار، تارماقلار 1102 ــ يىللىق ‹‹خەلق تۇرمۇشى يىلى››دىكى ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى››دىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 52 ساھەگە چېتىلىدىغان 09 خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك.

      ئۈچىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تىرىشىپ ساقلاش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقى ساقلاش توغرىسىدىكى 23 ماددىلىق تەدبىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىق ـ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن پۇختا مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش ۋە دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك؛ ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ۋە پەسەيتىپ، مۇرەسسەلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەتلەرنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش ۋە قوغداش كېرەك.

      تۆتىنچى، ئىدىيە ـ مەدەنىيەت تەشۋىقاتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە روھنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئىدىيە ــ مەدەنىيەت تەشۋىقاتى ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك. مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، سالماق ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت ـ ماكان قۇرايلى›› باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخى›› تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹تۆتنى تونۇش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

      بەشىنچى، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. بازارنى يېتەكچى قىلىپ، بايلىق تەقسىملەشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش؛ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئىسلاھات قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، سۇبېيكتلىق ئاڭنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق رولنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، ئاممىنىڭ ھازىرقى مەنپەئىتى بىلەن كەلگۈسى مەنپەئىتىنى، ئومۇمىي مەنپەئەت بىلەن قىسمەن مەنپەئەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      ئالتىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكىسىيەسىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، ئىتتىپاقلىق ـ ھەمكارلىقنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ چارە ــ تەدبىر كۆرسىتىشى كېرەك.

      ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر