باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

مەرھابا، نورۇز

ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

 

      نورۇز سەبىيدەك تاتلىق كۈلۈپ كەلدى. ئۇنىڭ نۇرانە تەبەسسۇمىدىن شادلىققا تولغان ئىللىق شامال كېپىنەكلەردەك ئۇسسۇلغا چۈشتى. زېمىندىكى ھارارەتتىن ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى مۇزلار ئېرىشكە، بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ شىر – شىر ئېقىشقا باشلىدى. مايسىلار نەم تۇپراقتىن باشلىرىنى ئاستا كۆتۈرۈشۈپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تەبىئەتكە ناز بىلەن باقتى. ئۆچەككە كىرىپ كەتكەن قۇرت – قوڭغۇزلار ئويغىنىپ ھاياتلىق كۈيىگە جور بولۇشتى. ھۆپۈپنىڭ ئاۋازىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان بېدىلەر ئېتىزلىقنى غۇچچىدە كۆككە تولدۇرۇۋەتتى. بالىلار ئۇنىڭ يۇمرانغىنە غولىغا قول ئۇزارتتى. ئوغۇللارنىڭ بۆكى، قىزلارنىڭ ئېتەكلىرى باھارنىڭ تۇنجى مېۋىسىگە لىققىدە تولدى. نەغمىچى قۇشلار تىنماي سايراپ نورۇزغا تەنتەنە قىلىشتى. نورۇز مېۋىلىك دەرەخلەرگە تەبەسسۇم قىلىۋىدى ئەتراپ ھۆپپىدە چېچەكلەرگە ئورالدى. دېھقانلار ئېتىزلاردا ئەمگەك ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.

      نورۇز ھەممە يەرگە يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى. ئەنە، داشقازانلاردا توققۇز خىل زىرائەت دېنىدىن تەييارلانغان نوزۇر ئېشى قاينىماقتا، شىرمەت پالۋانلار تۇتۇشماقتا، قىز – يىگىتلەر ئىلەڭگۈچ ئۇچۇشماقتا، شائىرلار غەزەل ئوقۇشماقتا، ھاپىزلار قىسسە سۆزلەشمەكتە... ھەممە يەردە باغ سەيلىسى، ھەممە يەردە كۆكلەم مەشرىپى قىزىپ نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىقتى، نورۇز شادلىقى يۈرەكلەرگە سىغماي قالدى. ئۇلاردا رىقابەت ئىستىكى، يېڭىش ئىستىكى، مانا بۇ ئىنتىلىش!

      نورۇز بوۋاي قىسسە سۆزلىمەكتە: ‹‹نورۇز بىزنىڭ مىللىي، ئەنئەنىۋى بايرىمىمىز، تارىخىمىز، يېڭى يىلىمىز، ئېتىقادىمىز، مەكتىپىمىز، باھارىمىز، يوسۇنىمىز، سەنئىتىمىز. ئۇنىڭدا خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى، مېھىر – مۇھەببىتى، ئارزۇ – ئىستەكلىرى، ئۆم – ئىناقلىقى، باراۋەرلىكى، ئەتىگە بولغان ئىشەنچىسى بار. بىز مۇشۇ بايرام ئارقىلىق تەبىئەتنى، يۇرتنى، ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەيمىز. بىز مۇشۇ بايرام ئارقىلىق يېڭىلىققا ئىنتىلىمىز، ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمىز. چۈنكى، ئۇ خاسىيەتلىك بايرام››.

      نورۇز بوۋاينىڭ سۆزىدىن كەڭ دالا كۈلدى، بۇ كۈلكىلەردىكى مەستخۇشلۇق، شادىيانىلىق نۇرلىرى تاڭ شەپىقىدەك جىلۋىلەندى.

      ئەنە، ھەربىر جاننىڭ ۋۇجۇدىدا يېڭى تىلەك، يېڭى ئارزۇ – ئىستەك. ئۇلار نورۇزدىن ئىلھام ئېلىپ غايىلىرى ئۈچۈن ھەسەل ھەرىسىدەك تىنىمسىز ھەرىكەتلەنمەكتە، ئىنتىلمەكتە. نەم ھاۋا دىماغقا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. ئاسمان بارا – بارا قارىيىپ سىم – سىم يامغۇر قۇيۇلدى. بالىلار ناخشىسىنى باشلىۋەتتى:

يامغۇر ياغدى توك – توك،

سۇغا چۈشتى باغچىلار.

ھەممە يەردە پاكىزلىق،

ناخشا ئېيتار تامچىلار.

(ئاپتور — قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر