باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

پۇشايمان

  زۇمرەت مەتتۇرسۇن 

 

 

      مەكتەپتىن قايتىپ كېلىشىمگە ئاپام: ‹‹ئۇكاڭغا ياخشى قارىغىن، مەن قوشنىمىز ئايگۈل ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقاي›› دەپ چىقىپ كەتتى. 70 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مومام ھويلا ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا يانپاشلاپ ياتاتتى. مەن ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئىنىم نۇرمەمەتنى بىردەم ئويناتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئويۇنچۇقلىرىنى تاشلاپ بېرىپ كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغىلى ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم. بىر چاغدا ئاپام يېنىمغا كىرىپ: ‹‹ئادىل، ئۇكاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟›› دېدى. ‹‹ئۇكام ھويلىدا ئويناۋاتاتتىغۇ، مەن كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ كېتىپ...›› گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي سىرتقا قاراپ يۈگۈردۈم. ئۆي، ھويلىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن ئىزدىدىم، قولۇم – قوشنىلارنىڭ بالىلىرىدىن سۈرۈشتۈردۈم، لېكىن ئۇكام ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى. تۇيۇقسىز كۆزۈم ئۆيىمىز ئالدىدىكى سۈيى ئانچە چوڭقۇر بولمىغان ئۆستەڭگە چۈشتى. ‹‹ئاپلا، ئۇكام ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتمىگەندۇ – ھە!›› دەپ ئويلىدىم. كۆزۈمدىن ياش قويۇلۇشقا باشلىدى. ‹‹نۇرمەمەت، نۇرمەمەت، قەيەردىسەن ئۇكام؟!›› دەپ توۋلىدىم. ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىرسەم ئاپام، موماملارمۇ ئۇكامنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالماي يىغا – زار قىلىشىۋېتىپتۇ. ئاپام مېنى كۆرۈپلا: ‹‹ھەي ئادىل، ئويۇن قېپىلىقىڭنى قانداق قىلسام بولار!...›› دەپ كايىپ كەتتى. تۇيۇقسىز قوشنىمىز ئەركىن تاغامنىڭ: ‹‹تېپىلدى، بار ئىكەن!›› دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ھەممەيلەن يۈگۈرۈشۈپ باردۇق. ئەركىن تاغامنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئىنىمنىڭ ئېغىز، كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان، چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئاپام ئۇكامنى قولىغا ئېلىپلا: ‹‹بالام، ۋاي جېنىم بالام!›› دەپ يىغلاپ كەتتى. مومام ئۇكامنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتتى. ئاپام ئەركىن تاغامنىڭ موتوسىكلىتىغا مىنىپ ئۇكامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. مومام ئىككىمىز ئۆيدە ئۇكامنىڭ خەۋىرىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۇق. ئىككى سائەتلەردىن كېيىن ئاپام ئۇكامنى يېتىلەپ قايتىپ كەلدى. ئۇكامنىڭ ساق – سالامەتلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق. مەن ئاپامغا: ‹‹ئاپا، مېنى كەچۈرۈڭ، ئۇكامغا بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى قارايمەن›› دەپ ئۇكامنى چىڭ قۇچاقلىدىم.

(ئاپتور يەكەن ناھىيەسى ئىشقول ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

يېتەكچى: ئابدۇرېھىمجان ئابلىز

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر