باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

قىزىقارلىق مېھمان ئۇزىتىش ئادەتلىرى

      سول قول ئادىتى: ھىندىستان ، بېرما ۋە زامبىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، ئادەتتە، قورۇما ئەكېلىش، نەرسە – كېرەكلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە مېھمان ئۇزىتىش قاتارلىقلاردا سول قولىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن. ئەمما، قارشى ئېلىنمايدىغان مېھمانلارنى ساھىبخان سول قولى ئارقىلىق ئۇزىتىپ قويىدىكەن .

      ئاياغ سوۋغا قىلىش ئادىتى: نېپالنىڭ تاغلىق رايونىدىكى مىللەتلەر يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا، ئاۋۋال بىردانە نېپالچە باش كىيىم سوۋغا قىلىپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن . خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىر جۈپ ئاياغ سوۋغا قىلىدىكەن.ئەرلەرگە قارا رەڭلىك ئاياغ، ئاياللارغا قىزىل رەڭلىك ئاياغ سوۋغا قىلىپ، مېھمانلارنىڭ قايتىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.

      لاي سۈركەش ئادىتى: يېڭى گىۋىنىيە كىشىلىرى مېھمانلارنى ئۇزاتقاندا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، يولدىكى لاينى مېھمانلارنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ قويىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ، ‹‹تۇپراق قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ›› دېگەنلىك بولۇپ ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھمانلارغا بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى بىلدۈرىدىكەن.

      كۈنلۈك يىغىش ئادىتى: تايلاندنىڭ شىمالىي قىسىم يېزىلىرىدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا، مېھمان كەلگەندە كۈنلۈكنى ئېچىپ قارشى ئالىدىغان ئادەت بار ئىكەن. ئەگەر ساھىبخان كۈنلۈكنى يىغىۋالسا، بۇ مېھماننى ئۇزىتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

      ئاق رەڭ ئادىتى: ۋېنگرىيىلىكلەر ناھايىتى مېھماندوست بولۇپ ، ھېچقانداق سوۋغا ئەكەلمىسىڭىزمۇ، سىز ئۇزايدىغان ۋاقىتتا ئۇلار سىزگە بىر ئاق رەڭلىك سوۋغات بېرىپ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر