باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

بىر بولاق تېزەك

      پىكادۇن 1819 – يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان، 23 يېشىدا ئامېرىكىغا كەلگەن، ئۇ ئامېرىكىدىكى تۇنجى خۇسۇسىي ساقچىلىق پونكىتىنى قۇرغان ئادەم.

      ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويس شتاتىدا بىر كالا فېرمىسى بولۇپ، بۇ يەردە ھەمىشە كالا ئوغۇرلاش ۋەقەسى بولۇپ تۇرىدىكەن، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، فېرمىدا كالا ئوغۇرلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كالىنىڭ ئىزىلا قالىدىكەن، ئادەمنىڭ ئىزى بولمايدىكەن.

      مەلۇم بىر كۈنى ئاخشىمى، كالا ئوغرىسى يەنە پەيدا بوپتۇ. بۇ قېتىم فېرما باشلىقىنىڭ ئاز – تولا تەييالىقى بولغاچقا، كالا ئوغرىسىنىڭ ئىشى ئەپلەشمەپتۇ. فېرما باشلىقى ‹‹ۋاي ئوغرى›› دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئاتقا مىنىپتۇ – دە، قارا كۆلەڭگىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. بىراق كالا ئوغرىسىنىڭ سۈرئىتى ئۇنىڭدىنمۇ تېز بولغاچقا، بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە كۆزدىن غايىب بوپتۇ. يەردە پەقەت كالىنىڭ ئىزىدىن باشقا نەرسە قالماپتۇ.

      – كالا ئوغرىسى كالىغا مىنىپ قاچقانلىقتىن، بۇ يەردە ئادەمنىڭ ئىزى قالمىغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق كالا ئاتتىنمۇ تېز يۈگرەمدۇ؟

      پىنكادۇن فېرما باشلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا كېلىپ، كالىنىڭ ئىزى بويىچە تەكشۈرۈشكە باشلاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ – دە، فېرما باشلىقىغا:

      – كالا ئوغۇرلىغۇچىنىڭ مىنگىنى كالا ئەمەس، ئات، – دەپتۇ.

      – ئەمما، يەردە كالىنىڭ ىزىدىن باشقا ئىز يوققۇ؟

      – چۈنكى، ئۇنىڭ ئات تويىقىغا ئۇردۇرغىنى ئاتنىڭ تاقىسى ئەمەس، بەلكى كالىنىڭ تۇيىقى شەكىلدىكى مېتال قاپچۇق.

      – بۇ گەپنىڭ نېمە ئاساسىي بار؟ – سوراپتۇ فېرما باشلىقى.

      – بۇنىڭدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا كالا ئوغرىسى قالدۇرغان ھەقىقىي ئىسپات بار، مانا بۇنىڭغا قاراڭ، – پىكاندۇن يانچۇقىدىن بىر قەغەز بولاقنى ئېلىپ، شۇ يەردىلا ئېچىپتۇ، قارىسا ئات تېزىكى ئىكەن.

      پىكاندۇن كېيىن تېزەك ۋە ئاتنىڭ ئىزىنى بويلاپ تەكشۈرۈپ ئاخىرى كالا ئوغرىسىنى تۇتۇپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر