باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

بۇمۇ بىر خىل قوللاش

      ئاكامنىڭ ئوغلى چەت ئەلدە تىجارەت قىلاتتى. ئاكام ئەر – خوتۇن ئىككىسى ئوغلىغا ھېچقانداق ياردەم قىلالمىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولاتتى. بىر كۈنى مەن ئۇلارغا: ‹‹سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراپ، ئوغلۇڭلارنى ئەنسىرەتمىسەڭلارلا بۇ سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭلار›› دېگەنىدىم. كىم بىلسۇن، مېنىڭ بۇ گېپىم ئۇلارنى خېلىلا ئويلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن مۇنداق بىر پىلان تۈزۈپتۇ: ‹‹كەچ سائەت 00: 9دا ئارام ئېلىش؛ سەھەردە ئويغانغاندا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەسلىك، بىردەم ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يۈزىنى يۇيۇش؛ خەۋەر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ناشتىلىق يېيىش؛ تاشتىلىق يەپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىرئاز نەرسە يېيىش؛ ئاندىن كۆكتات سېتىۋالغىلى بېرىش؛ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چۈشلۈك تاماق يېيىش، تاماقتىن كېيىن بىرئاز ئارام ئېلىش ئاندىن گېزىت – ژۇرنال كۆرۈش، ياخشى ھېكايە، نەسر، سالامەتلىككە پايدىلىق مەزمۇنلارنى كېسىۋېلىپ، خاتىرىگە چاپلىۋېلىش؛ ئاندىن ھۆسنخەت مەشىق قىلىش؛ كەچلىك تاماقنى بالدۇر يېيىش؛ ئاندىن قورۇغا چۈشۈپ بىردەم سەيلە قىلىش؛ ئۆيگە قايتىپ چىققاندىن كېيىن خەۋەر، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش، سائەت 00: 9 بولغاندا چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئارام ئېلىش››.

      ئاكام ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن كۈنلىرىنى تۈزگەن مۇشۇ پىلانى بويىچە تەرتىپلىك، ئىلمىي ئۆتكۈزدى ھەم ئوغلىغا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمىگەنلىكىدىنمۇ ئەپسۇسلانمايدىغان بولدى. دەرۋەقە، ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ تەن – سالامەتلىكىدىمۇ، روھىي ھالىتىدىمۇ ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشىلىنىش بولدى ھەم ئۇلارمۇ كۈنلىرىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مەنلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغان بولدى.

      ئاكام تېخى ماڭا: ‹‹دېگىنىڭ توغرا ئىكەن، بالىلىرىمىز سىرتتا جاپا تارتىۋاتسا، ئۆزىمىزنىڭ تەن – سالامەتلىكىمىزنى ئاسراش بىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان چوڭ ياردىمىمىز ئىكەن›› دېدى.

 

      ھېكمەت: بىزدە ‹‹تەن ساقلىق — زور بايلىق›› دەيدىغان گەپ بار. رىقابەت كۈچىيىپ كېتىۋاتقان دەۋردە، ياشلىرىمىز ئۆزىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئاتا – ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىپ، بالىلىرىنى ئۆزلىرىدىن خاتىرجەم قىلغىنى ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ياردىمىدۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر