باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئۆردەكنىڭ مېڭىشى

(ئىلمىي چۆچەك)

ئادىل ئابدۇراخمان

      — ئاپا، مېكىيان ھەدەم بىلەن خورام ئاكامغا قارىغىنا، ئۇلار قەددىنى رۇسلاپ تۈز ماڭىدۇ، بىز نېمىشقا ئىرغاڭلاپ ماڭىمىز؟ مېڭىشىمىز ئەجەب سەت – ھە بىزنىڭ، — دەپتۇ ئۆردەك چۈجىسى ھويلىدا دانلاپ يۈرگەن توخۇلارغا ھەۋەسلىنىپ.

      — ئۇنداق دېمە بالام، — دەپتۇ ئۆردەك ئانا غاقىلداپ، — بىزنىڭ ئىرغاڭلاپ مېڭىشىمىز تۇرمۇش ئادىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

      — ئانا، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭا، ئىرغاڭلاپ ماڭسام دوستلىرىم مازاق قىلىدىكەن،— دەپتۇ ئۆردەك چۈجىسى تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ئەركىلەپ.

      — بىز ئاساسەن سۇدا ياشايمىز، — دەپتۇ ئۆردەك ئانا چۈشەندۈرۈپ، — ئۈچ بارمىقىمىزنىڭ ئارىلىقلىرىدا پەردە بولىدۇ، كۆكرەك، قورساق قىسمىمىز كەڭ ھەم تەكشى كېلىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىكلىرىمىز بىزنىڭ سۇدا ياشىشىمىزغا ماسلاشقان، — ئۆردەك ئانا سەل ئويلىنىۋېلىپ داۋاملاشتۇرۇپتۇ،— پۇتىمىزدىكى ئۈزگۈچ بىلەن سۇنىڭ ئۇچرىشىش يۈزىنىڭ چوڭىيىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئىتتىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇتىمىزنىڭ ئورنىمۇ سەل ئارقىغا جايلاشقان. ئۇزۇن بەدىنىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر جۈپ پۇتىمىز بەدىنىمىزنىڭ مەركىزىدە بولماستىن ئارقا تەرەپتىرەك بولغاچقا قۇرۇقلۇقتا ئىرغاڭلاپ ماڭىمىز. ئەگەر بەدىنىمىزنى توخۇغا ئوخشاش تۈز تۇرغۇزماقچى بولساق ئالدىمىزغا يىقىلىپ چۈشۈشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ئىككى پۇتىمىز بەدىنىمىزنىڭ مەركىزىدە ئەمەستە!

      — چۈشەندىم ئانا، بەدىنىمىزنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئىككى پۇتىمىزغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن بەدىنىمىزنى غادايتىپ تەڭپۇڭلۇقىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك ئىكەن، شۇنداقمۇ؟

      — توغرا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ پۇتىمىز قىسقىراق بولغاچقا ماڭغاندا بەدىنىمىزنىمۇ تەۋرىتىدۇ، شۇڭا ھەمىشە بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ، گەۋدىمىزنى تىك تۇتۇپ ئىككى ياققا ئىرغاڭلاپ ماڭىمىز.

      — بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالدىم، ئەمدى دوستلىرىمنىڭ مازاق قىلىشىدىن قورقمايمەن، — دەپتۇ ئۆردەك چۈجىسى خۇشال بولۇپ.

(ئاپتور تارباغاتاي ۋىلايەتلىك چېگرا پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر