باش بەت | مەكتەپلەر

بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى

 

      بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان خۇسۇسىي شەكىلدىكى فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلكەنت ئۇنىۋېرستېتىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى؛ ئېھسان دوغراماجى مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى سەھىيە فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى ئىلمىي - تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق قارار قىلىشى نەتىجىسىدە 1984 - يىلى 20 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلمىي – تەتقىقات ۋە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر.

      بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، ‹‹بىلىم كەنتى ئۇنىۋېرسىتېتى››نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، 1986 - يىلى 386 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 9 فاكۇلتېت، باكلاۋورلۇق سەۋىيىسىدە 2 دانە ئالىي تېخنىكوم، 3 دانە كەسپىي تېخنىكوم، 38 ئوقۇ – ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە 6 ئىنستىتۇت، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، بۇ جەھەتتىنمۇ دۇنيا بويىچە داڭلىق مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق ئورۇنلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا.

      1988 - يىلى تۈركىيىدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا ئۇچراشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلماقتا. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى كېلىشىم ھاسىل قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، گېئورگىيە پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ماريلاند ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى؛ ئەنگلىيەنىڭ ئەسسەكس ئۇنىۋېرسىتېتى، گېرمانىيىنىڭ پىفورجېم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن كونستانز ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىتالىيىنىڭ رىم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئېكولې سۇپېرىئېۇرې دې كوممېركې دې لېللە ئۇنىۋېرسىتېتى، كانادانىڭ مكگىل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن مونترېئال ئۇنىۋېرسىتېتى، گوللاندىيىنىڭ تىلبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامىستېردام ئۇنىۋېرسىتېتى، دانىماركا (دانىيە)نىڭ جەنۇبىي دانىماركا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىسرائىلىيىنىڭ تەل ئەۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ۋايكاتو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مائارىپ ئورگانلىرى بار.

      تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر جەھەتتىن، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى، قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، گۈزەل - سەنئەت فاكۇلتېتى، لايىھە ۋە مېمارچىلىق فاكۇلتېتى، تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتى، مۇزىكا فاكۇلتېتى ۋە سەھنە سەنئەتلىرى فاكۇلتېتى قاتارلىق فاكۇلتېتلار بار.

      تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارىسىدا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن باشقا فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمۇ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارىسىدا بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈركىيىدە مائارىپ ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىقمۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، مائارىپ ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە بۇ ماقالىلاردىن ئالىملارنىڭ دېگۈدەك پايدىلىنىشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن ناماياندىسى، ئەلۋەتتە.

      بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىك تىلى ئىنگلىزچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللايدىغان دەرسلەردىن سىرت باشقا چەتئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى خادىملىرىنىڭ ئۈچتە بىرى چەتئەللىك. دۇنيانىڭ ساناقلىق كۈتۈبخانلىرىدىن بىرگە ئىگە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، ھازىرغىچە كىتاب – ژۇرناللار ئۈچۈن 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەكتە. نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇچىلارنىڭ تۆتتە بىرى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشمەكتە.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر