باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ياخشىدىن ئۆگەن

      دۆلىتىمىزنىڭ «قائىدە – يوسۇن دۆلىتى» دىگەن نامى بار. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ئەدەپ – قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەدەپنى چوڭ بىلىدۇ.

      ئەدەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ سىلىقلاشتۇرغۇچى مېيى. ھەممەيلەن ئەدەپلىك كىشى بىلەن ئارىلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەدەپلىك كىشىگە ياردەم قىلىشنى خالايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۈركىلىشتىن ساقلانماس تەس، ئەدەپ بولغاندىلا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، يول قويۇش، ئەپۇ قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋە ئىناقلىق بولىدۇ. ئەدەپ سىلىقلاشتۇرۇش مېيىدەك سۈركىلىشنى، توقۇنۇشنى ئازايتىدۇ، ئۆچمەنلىكنى دوستلۇققا ئايلاندۇرىدۇ.

      ئەدەپ خەلقئارالىق يول خېتى. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى كۆپەيدى. دېپلوماتىيە ئەمەلىيىتىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئوخشىمىغان رايونلار ئەدەپ – قائىدىنى پەيدىنپەي ئورتاقلىققا، ماسلىشىشچانلىققا يۈزلەندۈرۈشى كېرەك. بۇ جەرياندا بىرلىككە كەلگەن مىللىي ئەدەپ – قائىدىلەرنى كىشىلەر ھۆرمەتلەيدۇ، چۈشىنىدۇ ۋە قوبۇل قىلىدۇ، ئەدەپسىزلىك، يامان ئادەتلەرنى كىشىلەر مەسخىرە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن يىرگىنىدۇ ۋە ۋاز كېچىدۇ.

      سەمىمىيلىك ئەدەپنىڭ جېنى، سەمىمىيەتتىن ئايرىلغان ئەدەپ ياسالمىلىققا، خۇشامەتچىلىككە، كۈلكىلىك نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەدەپ سەمىمىيەت بىلەن رەڭلەنگەندىلا ئاندىن تەبىئىي، ساپ، يېقىملىق بولىدۇ. ئەدەپلىك بولۇش كۆپ ھاللاردا قوش غەلىبىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭغا پەقەت سەمىمىي قەلب ۋە ئېسىل ئادەت كېرەككى تىيىن چاغلىق پۇل كېرەك ئەمەس، ئەدەپسىز ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلسىڭىز ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەل ئۆزىڭىز بولىسىز. مەدەنىي دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولغانكەنمىز ھەرقاچان ئەدەپلىك بولۇشىمىز، ئەدەپنى بىلىشىمىز، ئەدەپنى چوڭ بىلىشىمىز كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر