باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

   

 

      تاغار كىيىپ يۈگۈرۈش

      تاتار ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان قىزىقارلىق تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا، يۈگۈرۈشكە قاتناشقۇچىلار تاغارنى بېلىگىچە كىيىپ، پۇتلىرىنى تاغارنىڭ ئىككى بۇلۇڭىغا قويۇپ، ئالغا قاراپ سەكرەپ ماڭىدۇ ياكى يۈگۈرىدۇ، ئاخىرقى پەللىگە ئەڭ بالدۇر يېتىپ بارغۇچى بىرىنچى بولىدۇ.

      پۇت چېتىپ يۈگۈرۈش

      تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا، بىر ئوغۇلنىڭ (قىزنىڭ) ئوڭ پۇتىغا بىر قىزنىڭ (ئوغۇلنىڭ) سول پۇتى چېتىپ قويۇلىدۇ. بۇلار بىرقانچە جۈپ بولۇپ تۈز مەيداندا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى جۈپلەرنىڭ قايسىبىر جۈپى مەيلى سەكرەپ، مەيلى مېڭىپ ياكى يۈگۈرۈپ بولسۇن بەلگىلەنگەن ئاخىرقى پەللىگە ئالدى بىلەن يېتىپ كەلسە شۇ بىرىنچى بولىدۇ.

      سۇ كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش

      تاتار ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى قىزىقىپ ئوينايدىغان، يۇقىرى ماھارەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر باش پەللە سىزىقىنىڭ كەينىدە ئىككى قولىنى ئىككى يانغا مۈرە ئېگىزلىكىدە تۈز كېرىپ سۇ تولدۇرۇلغان ئىككى چېلەكنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. سىگنال بېرىلگەن ھامان چېلەكنى تۆۋەنگە چۈشۈرمەي، بىر خىل ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ يۈگۈرىدۇ. ئاخىرقى پەللىگە ئەڭ بۇرۇن يېتىپ بارغان كىشى غەلىبە قىلىدۇ.

      قوشۇق چىشلەپ يۈگۈرۈش

      تاتارلارنىڭ ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا مۇسابىقىلەشكۈچىلەر ئىچىگە تۇخۇم قويۇلغان ياغاچ قوشۇقنى چىشلەپ باش پەللە سىزىقىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. سىگنال بېرىلگەن ھامان تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرىدۇ، تۇخۇمنى چۈشۈرمەي ئاخىرقى پەللىگە بۇرۇن يېتىپ بارغان كىشى بىرىنچى بولىدۇ.

      پولات ئاماننۇرى تەييارلىغان

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مېھراي