باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ

      بەزى ئاتا ــ ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ شۇنداق رايىش ئىكەنلىكىنى، قورسىقىنى تويغۇزۇپ ياتقۇزۇپ قويسا قەتئىي يىغلىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋالىدىغانلىقىنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش خاتا. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بوۋاقنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلىق مەزگىلى ھەرىكەتنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغان ھالقىلىق پەيت. شۇڭا ئاتا ــ ئانىلار بوۋاق ئۈچ ئاي بولغاندىن باشلاپ ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ قوپقاندا جەينىكى بىلەن بەدىنىنى كۆتۈرەلەيدىغان، تۆت ئاي بولغاندا ئۆزى ئۆرۈلەلەيدىغان، ئاندىن ئولتۇرۇشنى، ئۆمىلەشنى، تۇرۇشنى، مېڭىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك.

 

مەنبە: باس ــ باس تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر