باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

مائارىپ سېپىدە چاقنىغان يۇلتۇز

ئالىم رېشىت

      ئامىنە بارات 1993 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ كۆمۈر كېنى ئوتتۇرا مەكتەپىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەمدە تىل - ئەدەبىيات كۇرۇژۇكىنىڭ يېتىكچىسى، مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى بولدى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، سېلىشتۇرما ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاساسچىسى مەرھۇم ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمان تونۇشتۇرغان ‹‹ھارماس تۆھپىكار، ئۆچمەس ئەقىدە›› ناملىق ئوچېركى ۋە ‹‹تەنقىدچىلەرگە بىر پارچە خەت››، ‹‹يوللار گۇۋاھ››، ‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر›› قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئوچېرىك، ئەدەبىي ئاخباراتى، ئون پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى مەتبۇئالاردا ئېلان قىلىندى، ‹‹ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر›› ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

      ئامىنە بارات 1996 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالماشتى. ئۇ بۇ مەكتەپتىمۇ مەكتەپنىڭ تەشۋىقات، پىيونېرلار، كۇرۇژۇك خىزمەتلىرىنى قوشۇمچە ئىشلىدى.

      2001 - يىلى ئامىنە بارات ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە شەھەر ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ باھالاندى. شۇ يىلى ‹‹ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش لايىھەسى›› ناملىق كىتابقا ئۇنىڭ ئالتە پارچە ئوقۇتۇش لايىھەسى كىرگۈزۈلدى. 2001 - يىلى قارامايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىسىدە ‹‹ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلى›› ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - بولدى. ئۇ 2002 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ‹‹قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ›› دېگەن تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىدى، بۇ ساھەدىكى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا تەلئەت قادىرى بىلەن تۈزگەن ‹‹ماقالە يېزىقچىلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش›› ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى.

      ئامىنە بارات 2006 - يىلى تۇنجى قارارلىق پەن باشلامچىلىرى، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە بىردىنبىر پەن باشلامچىسى بولۇپ قالدى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، ياش پەن باشلامچىلىرىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولدى. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋە يىراق مۇساپىلىق دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنىڭ باھالىغۇچىسى، تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇنۋانىنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇ 2005 - يىلى كورلا شەھىرىدە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلدى.

      2002 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن تېما تەتقىقاتىغا قاتناشتى، بۇ تەتقىقات ئامىنە باراتنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىنىپ، 2005 - يىلى تاماملاندى. بۇ تېما تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ تەتقىقات خۇلاسىسى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى ھەمدە ئۇ ‹‹مەملىكەت بويىچە تېما تەتقىقاتىدىكى ئىلغار تەتقىقاتچى›› دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون ۋە شەھەر بويىچە ماقالە يېزىش ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا بەش يىل 1 - دەرىجىلىك يېتەكچى بولۇپ باھالاندى.

      2004 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەندە، ئامىنە بارات 23 - ئوتتۇرا مەكتەپكە بۆلۈندى. ئۇ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئون پارچىگە يېقىن نىشانلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ماس قەدەملىك مەشىق ماتېرىيالى، تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئالى قاتارلىقلارنى مۇستەقىل ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىدى.

      ئامىنە بارات ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايانچ ئوقۇتقۇچىلارغا يېڭى دەرسنى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى. مەكتەپ ۋە شەھەر بويىچە ئۈلگىلىك، ئوچۇق، كۆرسەتمىلىك دەرسلەرنى كۆپ قېتىم ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ‹‹پەن باشلامچىسى››لىق رولىنى 1-، 2 -، 3 - قىسىم تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىكنىڭ ‹‹ئۆگەن›› ناملىق ماس قەدەملىك مەشىقلىرىنى ئىشلىدى. 2008 - يىلى شەھەر بويىچە ئىلغار ئەخلاق تەربىيەسى خادىمى بولۇپ باھالاندى. 2009 - يىلى شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىلمىي ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ‹‹تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدىكى ئېچىلمىغان بوز يەر›› ناملىق ماقالىسى 1 - بولدى ھەم شۇ يىلى تىل - ئەدەبىيات كەسپىي گۇرۇپپا مەسئۇللىرىنى باھالاشتا ئىلغار گۇرۇپپا مەسئۇلى بولدى. ئۇ يەنە رادىيو ئىستانسىلىرىدا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم لېكسىيە سۆزلىدى.

      ئامىنە بارات مەكتەپ بويىچە كۆپ قېتىم ھەر خىل ناملاردا مۇكاپاتلانغان ۋە تەقدىرلەنگەندىن باشقا شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە 18 قېتىم ھەر خىل شەرەپلەرگە ئېرىشتى؛ بۇ يىل يەنە شەھەر بويىچە ‹‹ئىختىساسلىق خادىم›› نامزاتىغا يوللاندى.

 

مەنبە: مائارىپ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر