باش بەت | پىسخىكا

ئاستا سۆزلەش تېخىمۇ ئىشەنچىلىك

      بەزىلەر دائىم گەپنى ئاستا قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بەكلا تېز قىلىدۇ. ئامېرىكا ‹‹پسىخىكا مەركىزى تورى›› نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاستىراق سۆزلەش، كۆپرەك تىنىۋېلىپ سۆزلەشنىڭ قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

     ئامېرىكا مىچىگان (密歇根) ئۇنىۋېرسىتېتى پسىخىكا ئالىملىرى بىر تۈركۈم پىدائىيلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇلارغا تېلېفون ئارقىلىق باشقىلارنى بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىشقا قايىل قىلدۇردى ۋە سۆزلىشىش جەريانىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋىلىپ تەھلىل قىلدى. نەتىجىدە، گەپنى ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي بەكلا تېز سۆزلەيدىغان، ئاۋازىنىڭ ئۇدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سۆزلەيدىغان، ئاۋازى جاراڭلىق ئادەملەرنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى ئەكسىچە گەپ قىلىش سۈرئىتى ئاستا، تىنىۋىلىپ سالماقلىق بىلەن سۆزلەيدىغانلارنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش نىسىبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالدى.

      تەتقىقاتچىلارمۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەپنى ھەددىدىن زىيادە تېز قىلغاندا باشقىلارغا ئويلاشقۇدەك ۋاقىت بەرمەيدۇ ھەمدە باشقىلارغا ياغلىما گەپ قىلىۋاتقاندەك تەسىر بىرىدۇ. ھەر سېكۇنتىغا تەخمىنەن 3 بوغۇمدىن تاۋۇش چىقىرىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر بىر ئۇزۇن جۈملىدە 4 ـ 5 قېتىم تىنىۋېلىش ئاندىن ئەڭ ياخشى تىل سۈرئىتى ۋە رىتىم ھىسابلىنىدۇ.

      شۇڭلاشقا باشقىلارنى قايىل قىلىشنى ئويلىغاندا ئالدى بىلەن پىكىر يولىنى ئېنىق قىلىۋېلىپ خۇددى ‹پادىشاھنىڭ نۇتىقى› فىلىمىدىكى‹乔治六世› دەك بىر سۈز بىر جۈملىدىن ئاستا ــ ئاستا سۆزلەش كېرەك.

 

مەنبە: ئەلداۋا تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر