باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

دادامغا سۆز

زەينۇرە ئەخمەت

       دادا، مەن بۇ سۆزنى تىلغا ئېلىشقا ئەيمىنىۋاتىمەن. مېنىڭ ئەيمىنىشىم سىزنىڭ دادا بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن ئەمەس بەلكى دادىلىق مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئۇنتىغانلىقىڭىزدىندۇر.          

      سىز دائىم مائاش ئالغاندا ئۆيگە 2 ــ 3 ھەپتىگىچە قايتىپ كەلمەيسىز، كەلگەن ۋاقتىڭىزدىمۇ ھاراق ئىچىپ، ئاپام بىلەن ئۇرۇشۇپ، قالايمىقان گەپلەرنى قىلىسىز. مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم. ئۇنداق گەپلەرنى قىلسىڭىز ماڭا ئېغىر زەربە بولىدىكەن ھەم ئۆگىنىشىمگىمۇ چوڭ تەسىر يېتىدىكەن. دادا، بۇ نۇقتىنى چۈشەنمەمسىز؟ ھەدېسىلا ھاراق ئىچىۋېلىپ ئائىلىدە ماجرا تېرىغان ۋاقتىڭىزدا، بىچارە ئاپام بىلەن مەن كۆز يېشى قىلغىنىمىزچە ئۈن ــ تىنسىز ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرغانلىقىمىزنى بىلەمسىز؟ شۇ چاغدا مېنىڭ سىزگە قانچىلىك نەپرىتىم قوزغالغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ لېكىن، سىز يەنىلا مېنىڭ دادام ــ دە!

      دادا، مەن دادا بولغۇچى ھاراق ئىچمىگەن ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشنى كۆرگەن. لېكىن، مەن بۇنى ئۆز تۇيغۇمدا، ئۆز ئائىلەمدە بايقىيالمىدىم. دادىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن قىلغان سۆزلىرىنى كۆڭلۈمدە ھىس قىلغان، لېكىن سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىمىدىم.     

      جىنىم دادا ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ، سىزنىڭ ئۆيگە قايتمىغان كۈنلىرىڭىزدە ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆز يۇمماي تاڭ ئاتقۇزىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ بېقىڭ! ئادەملىك قىممىتىڭىزنى يوقاتقان ئاشۇ ھاراقنى ئىچمەڭ! 

      دادا، ئۆزىڭىز ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن، ئەتىمىز ئۈچۈن ئەمدى ھاراق ئىچمەڭ!

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر