باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

لەقەم قويماڭ

      مەكتىپىمىزدە بىرقانچە كەپسىز ساۋاقداش بار. ئۇلار باشقىلارغا لەقەم قويۇشقا ئامراق. بىز ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئىنتايىن بىزار. مۇئەللىم ئۇلارغا قايتا – قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۇلار بۇ يامان ئادىتىنى پەقەت ئۆزگەرتمىدى.

      ساۋاقداش، ھەممەيلەننىڭ ئاتا – ئانىسى قويغان چىرايلىق ئىسمى بار. بۇ ئىسىملار چوڭقۇر مەنە ۋە گۈزەللىككە ئىگە. ئەگەر بىرى سىزنى ھايۋان ياكى نەرسە – كېرەكلەرنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرسا، چىرايلىق ئىسمىڭىزنىڭ كەينىگە غۇرۇرىڭىزغا تېگىدىغان «مىس – مىس، ۋات – ۋات، تۆت كۆز» دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ قويسا چوقۇم خاپا بولىسىز، ھەتتا ئاچچىقتىن پارتلاپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. سىز لەقەم قويغان ساۋاقداشلارمۇ بەك ئازابلىنىدۇ. سىزدىن بىزار بولىدۇ، سىزگە يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ. سىز ئاستا – ئاستا ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ يالغۇز قالىسىز. شۇڭا، مەن سىزنىڭ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى، لەقەم قويىدىغان يامان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ئىتتىپاقلىققا تەسىر كۆرسەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

(ئاپتور شىخو شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر