باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئادەت

(ھېكايە)

ئابدۇۋەلى مامۇت

      — مېنى ئىزدەيدىغان تېلېفون بولسا يوق دېگىن، — دېدى ئەسقەر تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولىغا ئالغان ئوغلىغا ئالاھىدە جېكىلەپ.

      — دادام يوق، بىلمەيمەن، — ئۇ توغرا جاۋاب بەردىممۇ دېگەندەك دادىسىغا قارىدى.

      — يارايسەن ئوغلۇم، ئوبدان قىلدىڭ. بۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن تېلېفونلارنى سەن ئالساڭ بولغۇدەك. مانا، ئوغلۇم چوڭ بوپتۇ، — ئەسقەر تۆت ياشلىق ئوغلىنى قۇچىقىغا ئېلىپ سۆيۈپ كەتتى ۋە يىرىك ساقاللىرىنى ئوغلىنىڭ يۈزىگە سۈركەپ ئەركىلىتىشكە باشلىدى.

      — نېمە قىلىۋاتىسىز؟ بالىنىڭ يۈزى قىزىرىپ كېتىپتۇ، — ئەسقەرنىڭ ئايالى ئوغلىنى قولىغا ئالدى.

      — ئوغلۇم ئەسقېتىپتۇ، زۆھرە. قارا بۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى.

      — سىزنى يوق دەپ يالغان ئېيتسا ئەقىللىق بولامدۇ؟ — دېدى زۆھرە ئەسقەرنىڭ گېپىگە قايىل بولماي، — يالغانچىلىق سىز بىلەنلا تۈگىسە بولاتتى، بالىغىمۇ ئۆگەتتىڭىز. بالىنى توسماقتا يوق پەخىرلىنىپ كەتكىنىڭىزنى.

      ئەسقەر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىلا تېلېفونىنى ئېتىۋېتەتتى. ئۆيگە بىرەر تېلېفون كېلىپ قالسا ‹‹مېنى يوق دەڭلار›› دەپلا تۇراتتى. ئۆيدىكى تېلېفوننى زۆھرە ئالاتتى. باشتا زۆھرە بۇ ئىشقا تېرىكىپ يۈردى، كېيىن بارا – بارا كۆنۈپمۇ قالدى. ئوغلى چوڭ بولغانسېرى كەلگەن تېلېفوننى ئوغلى ئالدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ زۆھرە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي پات – پات غۇدۇڭشۇپ قوياتتى.

      — غەلىتە ئىشتە بۇ، نېمىشقا تېلېفون ئالمايدىغانلىقىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم. بۇ ئىش تازا قاملاشمىدى جۇمۇ؟

      — بۇنىڭ نېمىسىگە ھەيران قالىسەن. بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ كەلگەندە تېلېفون ئېلىشمۇ خۇشياقمايدىكەن. ئىدارىدە كۈندە نەچچە ئون تېلېفون ئالىمەن دېگىنە، باش ئاغرىپ كېتىدىكەن. سەن ئالساڭمۇ ئوخشاش ئەمەسمۇ؟

      — مەن ئىشلىمەي ئوينايمەن ئەمەسمۇ؟ سىز ھارىسىز، مەن ھارمايمەن. شۇنداقمۇ؟

      — ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمە، تېلېفون ئالغانغا نېمە بولاتتى. شۇنچىلىكلا بىر ئىشقۇ.

      — ئەمىسە سىز نېمىشكە ئالمايسىز؟ — زۆھرە ئېرىنىڭ بۇ غەلىتە ئىشىدىن جىلە بولۇپ چېچىلاتتى.

      ئەسقەر ھېچ ئىش بولمىغاندەك گىلەمدە سوزۇلۇپ ئولتۇرۇپ تىزگىنەكنى قولىغا ئالاتتى – دە تېلېۋىزور قاناللىرىنى يۆتكەشكە باشلايتتى.

      بىر كۈنى يەنە تېلېفون جىرىڭلىدى. تېلېفوننى زۆھرە ئالدى:

      — ئەسقەرمۇ، – ئۇ ‹‹نېمە دەيمەن›› دېگەندەك ئەسقەرگە قارىدى. ئەسقەر بۇرۇنقىدەكلا ‹‹يوق دېگىن›› دېگەننىڭ ئىشارىتىنى قىلىپ قولىنى پۇلاڭلاتتى.

      — ئۇ تېخى كەلمىدى. مۇھىم ئىش بارمىتى؟ يانغونىغا تېلېفون قىلىپ بېقىڭ. بۈگۈن يىغىن بار، كەچرەك قايتارمەن دېگەنىدى، بۇ چاغقىچە كەلمىگەنگە قارىغاندا ئىشى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ... بولىدۇ، ئەتە ئىدارىسىگە بېرىپ بېقىڭ. خوش.

      — ھەي، توۋا، سىزنى دەپ قاراپ تۇتۇپ يالغان ئېيتىۋاتىمەن. بەكلا غەلىتە مىجەزىڭىز بار سىزنىڭ! — زۆھرە تېلېفوننى قويۇپ سۆزلەشكە باشلىدى،  — بۇنداق قىلماڭ، سەت تۇرىدۇ. جىددىي ئىشىم بار ئىدى دەپ جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ. باشقىلارمۇ بىرەر ئىشى بولسا تېلېفون قىلىدۇ. بىرەرسىدىن قورقىدىغان ئىشىڭىزغۇ يوقتۇ؟

      — نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ قورققۇدەك نېمە ئىشىم بولاتتى؟

      — ئەمىسە نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟

      — بۇ قورققانلىق ئەمەس، دەم ئالاي دېدىم شۇ. سەنمۇ قىزىق ئىكەنسەن، نەچچە يىلدىن بېرى شۇنداق داۋاملىشىۋاتقان ئىش تۇرسا سۆزلەۋېرىدىكەنسەن.

      — گېپىڭىزغۇ توغرا، راست بۇ كونا ئىش. تېلېفون ئالمايدىغىنىڭىزغا كۆنەلمەيلا كېلىۋاتىمەنغۇ تاڭ. غەلىتىلىك ھېس قىلىدىكەنمەن.

      — نورمال ئىش دەپ بىلسەڭلا بولدى، قانچىلىك ئىش ئىدى بۇ، تەگەۋېرىدىغان.

      بىر كۈنى زۆھرە ئالغان تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئالىمغا مۇنداق دېدى:

      — قاراڭ ئەسقەر، بۈگۈن بىر ھېكايە ئوقۇدۇم. شۇنداقمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىش بار ئىكەن، نېمە ۋەقەلىك ئىكەن دەمسىز؟ ئوقۇپ باقامسىز؟

      — سېنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قانداق ھېكايە ئىكەن؟

      — ئوقۇسىڭىز سىزمۇ ھەيران قالىسىز. بۇ ھېكايىدە باشقىلارغا قەرز بولۇپ كەتكەن، سىرتتا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بىر ئەرنىڭ تۇرمۇشى يېزىلغانىكەن. بۇ ئەر باشقىلارنىڭ قەرز سۈيلىشىدىن قورقۇپ ئۆيگە كېلىپلا سىزگە ئوخشاش يانفونىنى ئېتىۋېتىدىكەن، ئۆيگە كەلگەن تېلېفونغا ‹‹يوق دەڭلار›› دەپ تېلېفوننى ئالمايدىكەن. قاراڭ، ئوخشىشىپ كەتكىنىڭلارنى. ھەي، سىزغۇ قەرزدار بولۇپ قالمىغانسىز؟ بۇ ھېكايە مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

      — نېمىلەرنى دەيدىغانسەن! ھېكايە توقۇغىلى ھەجەپ ئۇستا ئىكەنسىنا؟ — ئەسقەرنىڭ زۆھرەنىڭ گېپىگە ئاچچىقى كەلگەنىدى، گۆشلۈك بوينىدىكى تومۇرلىرى ئارغامچىدەك كۆپۈپ، مېغىزرەڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئاچچىقىنى قولىدىكى تىزگىنەكنى يېنىدا تۇرغان شىرەنىڭ ئۈستىگە كۈچەپ تاشلاش بىلەن چىقاردى، – دېمەيدىغان گېپىڭ يوق ھە سېنىڭ؟ تېلېفون ئالمىسام ھېكايىدىكى كىشىگە ئوخشاتقىلى تۇرۇڭمۇ؟ مۇشۇ ئىش بىلەن ھە دېسىلا يېغىرىمغا تېگىۋالمىساڭ كۆڭلۈڭ تىنىم تاپمايدۇ – ھە؟ ماڭا كېلىدىغان تېلېفوننىڭ تولىلىقىدىن بېشىم ئاغرىيدىغىنىنى بىلىسەنغۇ؟ ئېغىزىمغا كەلدى دەپ جۆيلۈدىغان بولۇپ قالدىڭغۇ؟ قاچانمۇ غەرەز ئۇقارسەن؟

      — ۋاي ، نېمە بولدىڭىز؟ ئۆڭۈپلا كەتتىڭىزغۇ؟ — زۆھرە زورىغا كۈلدى، — خۈدۈكىڭىز باردەك ھەجەپ ئۆزىڭىزگە ئېلىپ كەتتىڭىزغۇ؟ مەنمۇ ئوقۇغىنىمنى دەپ قويدۇم، ئۆزۈم توقۇمىدىم.

      ئادەتتە ئەسقەرنىڭ تېلېفون بىلەن ئانچە خۇشى يوق ئىدى. تېلېفون ئالسىمۇ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەپلا تېلېفوننى قويۇۋېتەتتى. تېلېفوندا ئەزمىلىك قىلىپ ھېكايە ئېيتىدىغانلاردىن بەك بىزار ئىدى، شۇڭا تېلېفوندىن قاچاتتى.

      كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، ئەسقەرنىڭ تېلېفون ئالمايدىغان ئادىتى ئۆزگەرمىدى.

      ئەسقەرنىڭ ئوغلىمۇ چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردى.

      بىر كۈنى كەچتە ئەسقەر تامىقىنى يەپ بولۇپ ئادىتى بويىچە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى، تېلېفون جىرىڭلىدى، جىرىڭلىغاندىمۇ خېلى ئۇزۇن جىرىڭلىدى. ئاشخانا ئۆيدىكى زۆھرە ۋارقىرىدى:

      — ھەي، قايسىڭلار بار؟ تېلېفوننى ئالساڭلار بولمامدۇ؟ گاس بولۇپ قالمىغانسىلەر؟

      زۆھرەنىڭ گېپى ئۇلارغا تەسىر قىلمىدى. تېلېفون جىرىڭشىۋەردى، زۆھرە تېرىكىپ تېلېفوننىڭ يېنىغا كەلدى.

      — ئاپا، مېنى ئىزدىسە يوق دېگىن جۇمۇ! — دەپ ۋارقىرىدى ئەسقەرنىڭ ئوغلى ياتاق ئۆيىدىن چىقمايلا.

      كەلگەن تېلېفون زۆھرەنىڭ ئىدى. ئۇ تېلېفوندا بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلېفوننى قويدى.

      — ئەمدى سەن قۇشۇلدۇڭمۇ؟ داداڭنى ھەجەپمۇ تارتىپسەن.

      — تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىمەن. ساۋاقداشلىرىم ئۇنى – بۇنى سوراپ ئاۋارە قىلىدىكەن.

      — ئاۋارە قىلىدىكەن دەپ يالغان سۆزلىسەڭ بولامدۇ؟ بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس جۇمۇ. راست گەپ قىلىشنى ئۆگەن، — دېدى ئەسقەر نەسىھەت ئاھاڭىدا، — ھازىردىن باشلاپ يالغان سۆزلەشنى ئۆگەنسەڭ قانداق بولىدۇ؟

      — ئۇنداقتا سەن يالغان سۆزلىسەڭ بولامدۇ؟

      — نېمە دەۋاتىسەن؟ مەن قاچان يالغان سۆزلىدىم؟ — ئەسقەر جىددىيلەشتى، — قارا بۇنىڭ ساقال غېرىچلىغىنىنى؟

      — دادا! بۇنى ساقال غېرىچلاش دېسەڭ بولمايدۇ. شۇنداققۇ؟ ئەقلىمنى بىلسەم سەنمۇ شۇنداق قىلىدىكەنسەن؟ سەن شۇنداق قىلغاندىكىن توغرىدۇ دەپ مەنمۇ سەندىن ئۆگەندىم. بۇنداق قىلسام خاتامۇ؟ بىراق، بۇمۇ ئوبدان ئىش ئىكەن.

      ئەسقەر ئوغلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تەپەككۇرى تورمۇزلىنىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئوغلى تېخى كىچىك ئىدى. بۇنداق ئىشتا ئۆزىنىڭ ئوغلىغا ئۈلگە بولۇپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم.

      — ۋاي جېنىم ئوغلۇم، ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دېگەندەك داداڭنىڭ ئۆزىلا بوپسەن، — زۆھرە ئوغلىنىڭ گېپىدىن ھەيران بولۇپ ئەسقەرگە ‹‹ئوبدان بولدىمۇ›› دېگەندەك قاراپ قويدى.

  (ئاپتور ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىدە)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر