باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئانا مەكتىپىم

سەييارە سەمەت

      سۆيۈملۈك دوستلار ياخشىمۇسىلەر، مەن سىلەرگە ئانا مەكتىپىم شىخو شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

      ئانا مەكتىپىم باغچا تۈسىنى ئالغان گۈزەل مەكتەپ. مەكتىپىمىزدە 32 ئوقۇتقۇچى، 468 ئوقۇغۇچى بار. مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى زامانىۋى، مەكتەپ قىرائەتخانىسى يورۇق ھەم ئازادە. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئىنتايىن كۆيۈمچان ھەم مېھرىبان. بىز ھەربىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىمىز، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئازادە كەيپىياتتا دەرس ئۆتكەچكە بىز ئەركىن پىكىر قىلىپ تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرالايمىز. ئون مىنۇتلۇق تەنەپپۇس ۋاقتىنىمۇ قولدىن بەرمەي تەپكۈچ تېپىش، ئارغامچا سەكرەش، مۆكىمۆكىلەڭ، قوغلاشماق قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ ھارغىنلىقىمىزنى تۈگىتىمىز.

      مەكتەپ رەھبەرلىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىمىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە گىمناستىكا مۇسابىقىسى، پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. رەسىم، ھۆسنخەت كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدۇرلىرىغا چاپلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.

      مەن ‹‹ئەخلاقلىق مەكتەپ››، ‹‹يېشىللاشقان مەكتەپ›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ئانا مەكتىپىمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ھەم ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن.

(ئاپتور شىخو شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر