باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

  

 
      ئىتتىپاق ئەترەتكە يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا تاپشۇرغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. تەربىيەچىلەر ئەترەت خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ. ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى سىياسەت بەلگىلەش، مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەرەللىك تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت تۆت چاقنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي روھ يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل جەھەتكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

      1. سىياسىي چاق: تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش

      تۈزۈمنىڭ ئاساسىلىق، ئومۇمىيلىق، مۇقىملىق، ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدىلىكى بار. ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەر تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىپ مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان، ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈم تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا ئاندىن ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەربىيەچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىنى تۈپ جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىدىكى تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىدۇ. مەسىلەن، 2006 – يىلىدىن باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ‹‹شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەربىيەچىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى››نى بېسىپ تارقاتتى. 2010 – يىلى يەنە مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن تەربىيەچىلىك كەسپىنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا ‹‹شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەربىيەچىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى››گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە(شەھەر، رايون)، يېزا – بازار(كوچا)، مەھەللە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەربىيەچىلىك خىزمەت ئورنىنىڭ مەزمۇنىنى ئىلمىي تەسىس قىلىشنى بەلگىلەپ، تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك تەربىيەچىلەرنى مۇكاپاتلاش تەدبىرىنى كۈچەيتكەچكە ئاساسىي قاتلام تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەمەلىي سىياسەت ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئىزچىللىشىشىغا، ئاساسىي قاتلامدىكى تەربىيەچىلەرنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

      2. مەبلەغ چاقى: تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ماددىي ئاساسى

      تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك ماددىي يۆلەنچۈككە تايانماي بولمايدۇ. ئەمما، ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئەسلىدىنلا ئېنىق راسخوت كېلىش مەنبەسى يوق. شۇڭا، خىزمەت ئىدىيەمىزدە ئاكتىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى كۈچ ۋە تاشقى كۈچنى ئورگانىك ماسلاشتۇرىدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ‹‹ئىتتىپاق ئىچىدىكى مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش، جەمئىيەتتىن مەبلەغ توپلاش›› ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھازىرقىدەك راسخوت يېتىشمەيدىغان خىزمەت ئەھۋالىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.

      1) ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىش. ھەر دەرىجىلىك ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ قوللىشىنى ئاكتىپ قالغا كەلتۈرۈپ، ھەر يىلى ئىتتىپاق بەدەل پۇلىدىن بەلگىلىك نىسبەتتە ئاجرىتىپ تەربىيەچىلەرنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان خىزمەت راسخوتى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمىغان رايون ۋە يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەربىيەچىلىرىنى تەربىيەلەشكە ئىشلەتكەندە يېزا، ئاساسىي قاتلامدىكى تەربىيەچىلەر مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئۆزگىرىشىدىن دەل ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ، يېتەكچىلىك قىلىش ئىدىيەسىنى دەل ۋاقىتىدا يېڭىلاپ، پىيونېرلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدۇ.

      2) ئىتتىپاقنىڭ سىرتىدىكى مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ مەخسۇس ئادەم مەخسۇس ئىشلىتىش. يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرى ئۆز جايىدىكى ئۈمىد قۇرۇلۇشى ئىشخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، شۇ جايدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ئىشلىرى تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ئارقىلىق شۇ ئۆلكىدىكى ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى تەربىيەچىلەرنى مەخسۇس تۈر، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. بۇ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى تەربىيەچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاساسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈمىد قۇرۇلۇشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

      3) جەمئىيەتنىڭ مەبلىغىنى توپلاپ، ‹‹يۇلتۇز مەشئەل ئۆسۈپ يېتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى››نى تەسىس قىلىش. ئۆسمۈر – بالىلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش پەقەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم ئۆتەيدىغان مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالمايۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ھەربىر جەمئىيەت ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش. شۇڭا، جەمئىيەتتىكى كۈچنى ئاكتىپ توپلاپ، ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ياردىمى بىلەن تەربىيەچىلەر قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ راسخوت مەنبەسىنى كېڭەيتىشتىكى يوللىرىنىڭ بىرى. شەندۇڭ ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى نۆۋەتتىكى ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان دەۋر ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك شۆبە بانكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹‹يۇلتۇز مەشئەل ئۆسۈپ يېتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى›› نى تەسىس قىلىپ، تور سودا شەھەرچىسى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىغىلغان بىر قىسىم مەبلەغنى تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ئەترەت ئىشلىرىنىڭ پائالىيەت راسخوتىنى توپلاش يولىنى كېڭەيتتى.

      3. تەربىيەلەش چاقى: تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە

      تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي روھى، كەسپىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەربىيەلەش تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى پىيونېرلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن بولۇپ، پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يولۇققان ھەر خىل مەسىلە ۋە ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ ھەل قىلىشتا تەربىيەچىلەر ئەترەتنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي بىلىمىنى پىششىق بىلىپلا قالماي جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى مۇۋاپىق تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشۇرۇشى كېرەك.

      1) تەربىيەلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەكتەپ ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە ئىككى قېتىم مەخسۇس تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ خىزمەتنى باشقۇرىدىغان شۇجىسى، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا ھەم سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قاراتمىلىق دەرس ئۆتۈش تەكلىپىنى بەرگەچكە پۈتۈن ئۆلكىدىكى تەربىيەچىلەر ئۆلكىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يۈزمۇيۈز چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەرقايسى شەھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىلىرىغا تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۇچەيتىش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەرىجىگە ، قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ياخشى ئىشلىدى.

      2) تەربىيەلەش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش. ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى يىللىق تەربىيەلەش قېتىم سانى، تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، تەربىيەلەش تاپشۇرۇقى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىنى تەربىيەلەش ئارخىپىغا خاتىرىلىشى كېرەك. تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تەربىيەچىلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىدىغان يولنى ئورنىتىپ، مەكتەپ تۈزۈمى ئۈستىدە نۇقتىلىق ئالاقىلىشىپ، ئەترەت خىزمىتى ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ تۈزۈمى ۋە يىللىق مۇھاكىمە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بىر قېتىملىق تەربىيەلەشنى ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيەلەشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.

      3) تەربىيەلەش مەزمۇنىنى بېيىتىش. ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدىكى تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەش تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يېڭى تەيىنلەنگەن ياكى تەقلىدىي تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچىلەرگە قارىتا تەربىيەچىلەر خىزمەت ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئەمەل قىلىپ، تەربىيەچىلەرنىڭ ئاساسىي ساپاسىغا بولغان تەلىپى، ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي بىلىمى، ئەترەتنىڭ ئاساسىي خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان ھالدا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش، تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ئېلىپ، ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ياسىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى بىر تۇتاش تارقىتىپ، باھالاشنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ئاساسى قىلىش كېرەك. ۋەزىپىدىكى تەربىيەچىلەرگە قارىتا مۇھىمى ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭى نەزەرىيەسى بويىچە ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ۋە يېڭى ماھارىتىنى ئىگىلەپ، ئەترەت تەربىيەسى ۋە باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەترەت ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسىنى تەتقىقى قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش كېرەك. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ سىرتقا چىقىشنى قوللاپ، ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەن مەكتەپكە بېرىپ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ، ئىلغار ئەترەت خىزمەت ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىي ئوقۇتۇش بىلەن كاللىسىنى قۇراللاندۇرۇش كېرەك.

      4) مۇسابىقە ئارقىلىق تەربىيەلەپ، تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش. تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنىڭ چوڭقۇر ھەرىكەت ھالىتى بولۇشى كېرەك. قاتناشقۇچىلار تەربىيەنىڭ كونكرېت پائالىيىتىدە ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلىشى كېرەك. مۇسابىقە ئارقىلىق تەربىيەلەش تەربىيە ئىدىيەسىدىكى ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىسى. 2003 – يىلدىن باشلاپ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، ئۆلكىلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 4 – قېتىملىق شەندۇڭ ئۆلكىسى تەربىيەچىلەر ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان تەربىيەچىلەر ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، پائالىيەت لاھىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، تەربىيەچىلەر ۋە ساپا مائارىپى مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتتە ھەم قاتناشقۇچى، ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆگەنگۈچى، باھالىغۇچى بولۇپ چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ھەم ئۆگىنىش جەريانىدا ئىدىيىسىدە ئويغىنىش بولدى.

      4. مۇلازىمەت چاقى: تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ياردەمچى موتۇرى

      تەربىيەچىلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىش ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا تەربىيەچىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان كونكرېت تەلىپى. بۇ مۇلازىمەت تەلىپىنى ئىجرا قىلغاندا ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشنى ئەترەت نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشلاپ، ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئەترەتنى گۈللەندۈرۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە تەربىيەلىنىشى ۋە ئىلمىي تەتقىقات قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئەترەت خىزمىتى ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەترەت نەزەرىيەسى تەتقىقاتى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەترەت خىزمىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە تەربىيەچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى كەسپىي كومىتېتى، ئەترەت خىزمىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ نەزەرىيە تەتقىقات كەسپىي كومىتېتى ۋە ئەترەت خىزمىتى ئىلمىي جەمئىيىتى پائالىيەت كەسپىي كومىتېتى قاتارلىقلارنى دەل ۋاقتىدا قۇرۇپ، ھەرقايسى كەسپىي كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي جەمئىيەتنى تەربىيەچىلەرنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك.

     ئەترەت دەرسى قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئۆلكىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى مائارىپ، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا ئەترەت تەربىيەسى دەرسلىكى ۋە ئەترەت خىزمىتى ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىنى مەخسۇس تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىپ، تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس سېلىش كېرەك.

قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر