باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

كولاغا خۇمار بولۇپ قالماڭ

      كولانىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى كۆپ.

      1. سۆڭىكىڭىزنى يۇمشىتىۋېتىدۇ. ئەگەر سىز كولانىڭ سادىق ئىستېمالچىسى بولۇپ ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالسىڭىز سۆڭىكىڭىز يۇمشاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. كولا تەركىبىدە سۆڭەكتىكى كالتسېينى ئوغرىلايدىغان بىر خىل ئېلېمېنت بار. خارۋارد تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بوستۇن ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر قېتىم تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئۇلار 460 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنى تەكشۈرۈپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كولا ئىچمەيدىغان 57 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارىسىدا پەقەت بەشەيلەننىڭلا سۆڭىكى سۇنغانلىقىنى، ئەكسىچە دائىم كولا ئىچىدىغان 107 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ 38 نەپىرىنىڭ سۆڭىكى سۇنغانلىقىنى، بۇ نىسبەتنىڭ ئالدىنقىسىدىن تۆت ھەسسە كۆپلۈكىنى بايقىغان.

      2. چىشىڭىزنى كاۋاكلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كولا چىشىڭىزنى چىرىتىدۇ، دائىم كولا ئىچىدىغان 12 ياشلىق بالىلارنىڭ چىشىنىڭ چىرىش نىسبىتى 59 پىرسەنت، 14 ياشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ 22 پىرسەنت بولىدىكەن.

      3. سەمرىتىۋېتىدۇ. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان بىر تېببىي ژۇرنالدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرستىلىشىچە ئەگەر بىر بالا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر قۇتا كولا ئىچسە ئۇنىڭ بودەكلەر قاتارىغا قوشۇلۇپ كېتىش نىسبىتى 60 پىرسەنت بولىدىكەن.

      4. غىدىقلايدۇ. كولا تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ روھلاندۇرۇش رولى بولۇپ بالىلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ غىدىقلاش رولى ناھايىتى چوڭ، كولانى كۆپ ئىچكەندە ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ، ئۈچەي، ئاشقازان، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالار غىدىقلانغاندىن كېيىن كۆپ مىقداردىكى كالتسېي سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. كوففېئىن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ۋىتامىن 1B نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ۋىتامىن1Bكەملىك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر