باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلار ساغلاملىقىدىكى ناچار ئادەتلەر

ياسىنجان توخنىياز توغراق

      بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرزەنتىكە بولغان ساغلاملىق تەربىيەسىدە ئادەت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپ بالىلارغا ياخشى بولغان ئادەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

      1. تاماقنى يېتىپ يېيىش.

      تاماقنى يېتىپ يېگەندە نەپەس قىسىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يېتىپ، بالىلارنى تاماق يېيىشكە خوشياقماس قىلىپ قۇيىدۇ.

      2. ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلماسلىق.

      بالىلار ئويۇنغا قىزىقىپ، گاھى چاغلاردا سىرتقا چىقىشتىن قورقۇپ، كىچىك تەرەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. بالىلار ۋاقتىدا تەرەت قىلمىسا ئاسانلا دوۋساق ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ.

      3. چىشىنى غۇچۇرلىتىش.

      چىش ئادەمنىڭ مۇھىم ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چىشىنى دائىم غۇچۇرلاتسا چىشى بوشىشىپ، ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ ھەمدە باش، بەل، قۇلىقى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

      4. قىزىلمۇچنى بەك كۆپ ئىشلىتىش.

      كىچىك بالىلار ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىككە بەك ئامراق بولۇپ، قىزىل مۇچنى ئىستېمال قىلىشقا بەك ئامراق بولىدۇ، بۇ خىل ئادەت تىزگىنلەنمىسە، ئۇلارنىڭ كۆزىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن، تەرەت يولىغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      5. تۈگۈلۈپ ئۇخلاش.

      بالىلاردىكى تۈگۈلۈپ ئۇخلاش ئادىتى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا بەدەننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      6. بارمىقىنى شۈمۈش.

      بەزى كىچىك بالىلار ھەمىشە بارمىقىنى شوراپ، قۇلىنىڭ تىرنىقىنى چىشلەيدۇ. تىرناق تېگىدە نۇرغۇن مىكروپ بولۇپ تىرناقنى چىشلىگەندە بۇ مىكروپلار ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ، تۈرلۈك كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.

      7. تاماقنى بەك تۇزلۇق يېيىش.

      كىچىك بالىلار تۇزلۇق تاماقنى كۆپ يېسە، بەدەنگە سۇ يىغىلىپ قېلىپ بۆرەكتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.

      8. دائىم كۆزىنى ئۇۋىلاش.

      بۇنداق قىلغاندا قولدىكى مىكروبلار ئاسانلا كۆزگە كىرىپ كېتىپ، كۆز كېسەللكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      9. چىش چوتكىلاشقا ئادەتلەنمەسلىك.

      تاماق قالدۇقلىرى چىش ئارىلىقىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا چىشنى چىرىتىپ، تۈرلۈك چىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

      10. ئۇيقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك.

      بالىلار ئۈچۈن نورمال ئۇيقۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى. نورمال ئارام ئالمىسا، مېڭىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرىشىگە، كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇشىغا چەك قۇيۇپ نورمال ئۇيقىسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      11. چېنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك.

      نورمال ئاساستا چېنىقىش بالىلار ساغلاملىقىدا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا بالىلارنى مۇۋاپىق چېنىقىشقا يېتەكلەش كېرەك.

(ئاپتور ئونسۇ ناھىيەسى تاغلاق فېرما ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر