باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئەقىل – پاراسەتنىڭ مۇھىملىقى

       بۇرۇن ھىندىستاندا ئىككى ئاغىنە ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ بىرى ناھايىتى باي ئىكەن، يەنە بىرى تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەن. باي ھەمىشە پۇل ھەممىدىن مۇھىم دەيدىكەن، ھېلىقى ئەقىللىق دوست بۇ قاراشقا قوشۇلمايدىكەن، ئىككەيلەن مۇشۇ توغرىدا داۋاملىق تالاش – تارتىش قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇلار ئاخىرى بىرسىنى تېپىپ، شۇ ئادەمنىڭ ئايرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىشقا كېلىشىپتۇ. بىراق ئۇ ئادەممۇ بۇ ئىشنى ئايرىيالماپتۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ مەسىلىنى بىر ۋەزىرگە تاپشۇرۇپتىكەن، ۋەزىرمۇ بىر تەرەپ قىلالماپتۇ. ئاخىرى بولماي پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ، پادىشاھ كەسكىن ھالدا ئۇلارغا:

      – بۇ ئىككىسىنى ئېپچىقىپ، كاللىسىنى ئېلىپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىڭلار، – دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىككى ئاغىنىنىڭ چىرايىدا قان قالماپتۇ.

      ئۇلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىپ يۈرگەنلىكىگە پۇشايمان قىپتۇ، بىراق پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەپتۇ. ئەقىللىق دوست ئۆرۈلۈپ باي دوستىغا قاراپ:

      – قەدىرلىك دوستۇم، بىرەر ئامال تېپىپ، بىزنى مۇشۇ بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرساڭ، – دەپتۇ.

      – ئىچىم بەك تىت – تىت بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، – دەپتۇ باي دوستى، – ئەزىز جېنىمنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئادەم بولسا، مال – دۇنيارىمنىڭ يېرىمىنى شۇ كىشىگە بېرەتتىم. ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، ئۆيدىكى مال – دۇنيانىڭ نېمە كېرىكى بار.

      – جېنىڭنى قۇتۇلدۇرۇپ قالسام، – دەپتۇ ئەقىللىق دوست دەرھاللا، – راستىنلا مال – دۇنيارىڭنى يېرىمىنى ماڭا بېرەمسەن؟

      – چاتاق يوق، دېگەن گېپىمدە قەتئىي تۇرىمەن، – دەپتۇ باي دوست دەرھاللا. ئاندىن دېگەن گەپلىرىنى قەغەزگە يېزىپ، ئەقىللىق دوستىغا بېرىپتۇ.

      ئەقىللىق دوست قەغەزنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، باي دوستىنى بىللە ئېلىپ، ۋەزىرنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ – دە، ۋەزىردىن ئۆزلىرىنى دەرھال ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ.

      ۋەزىر ھەيران بولغان ھالدا ئۇلاردىن سوراپتۇ:

      – نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۆلۈشكە نېمانچە ئالدىراپ كېتىسىلەر؟

      – ئۆلۈشكە تەيىن تاپقانىكەنمىز، – دەپتۇ ئەقىللىق دوست كۈلۈپ كېتىپ، – خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈشىمىز كېرەك. ئىنجىلدا ئېيتىلىشىچە، گۇناھسىز ئادەم ئۆلتۈرۈلسە، ئۇنىڭ روھى ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدىكەن، ھەتتا ھەرىكەت قوللىنىپ ئۆچ ئېلىپ، ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن. شۇڭا بىزنى تېزراق ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەمدى بىزنى ئۆلتۈرۈشكە تېز تۇتۇش قىلىڭ.

      ۋەزىر نېمە بولغانلىقىنى ئۇقماي پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ – دە، باياتىن بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا بىر قۇر بايان قىلىپ، پادىشاھدىن بۇيرۇقنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىپتۇ. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن ھازىرلا ئۆلۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتىكەن، ئەقىللىق دوست ۋەزىرگە دېگەن گەپنى بىر قۇر تەكرارلاپ، باي دوستى يېزىپ بەرگەن خەتنى پادىشاھقا بېرىپتۇ.

      پادىشاھ كۈلۈپ كېتىپ:

      – بولدى سەن ئەركىنلىككە ئېرىشتىڭ، خالىغان يېرىڭگە بېرىۋەر. سىلەرنىڭ تالاش – تارتىشىڭلارمۇ ھەل بولدى، بايمۇ ئەقىل – پاراسەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشەندى، – دەپتۇ.

      پادىشاھ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى قويۇپ بېرىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل – پاراسەتكە دائىر ھېكايىلەر تەھرىر: ئاينۇر